ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> قۇلاق كېسەللىكى >> سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقى

سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئاغرىقى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-20 10:13:49    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
ئاشقازاندا بارلىققا كەلگەن سوغۇق يەللەر ياكى مېڭىدە بولغان ئارتۇقچە سوغۇق ماددىلارنىڭ قۇلاققا چۈشۈشى بىلەن ئاغرىش پەيدا قىلىدۇ.   ئالامىتى:  ئاشقازاندىكى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، كۆڭلى ئاينىش، ئېغىزدىن كۆپ سۇ ئېقىش، يېنىك باش ئاغرىشلار بولۇپ، باشقا ئىسسىق سۇ قۇيۇلسا ئارام ئالىدۇ. مېڭىدىكى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولسا، باش ئېغىرلىشىپ ئاغرىپ تۇرىدۇ. قۇلاققا ھەرخىل ئاۋازلار ئاڭلىنىش بىلەن ئاغرىشمۇ بىللە داۋاملىشىدۇ.   داۋاسى:  ئايارەج پەيقرا )تەركىبى: ئۇدبىلسان، مەستىكى رۇمى، ئاسارۇن ۋە زەپەر ئون گرامدىن، سەبرە 19 گرام، ھەسەلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، زەپەردىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم سوقۇپ بىر ئاز قىزىتىلغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىگە قالغان دورىنى قۇيۇپ خېمىردەك يۇغۇرۇپ، 40 كۈندىن كېيىن، ئون گرامدىن ھەر كۈنى ئاخشامدا بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.( ھەببى قوقىيا )تەركىبى: سەبرە، ئەپسەنتىن، مەستىكى ۋە غارىقۇندىن تەڭ مىقداردا، شەھمەنزەل، سوقمۇنىيا، يېرىم ھەسسىدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كەرەپشە ئۇرۇقىنىڭ سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ كۇمىلاچ تەييارلىنىپ، غارىقۇننى سوقماي، سىم ئەلگەككە سۈزۈپ ئۆتكۈزۈپ، ھەر كۈنى ئون گرامدىن  بىر قېتىم كەچتە ئىستېمال قىلىنىدۇ( نىڭ بىرى بېرىلىدۇ. قۇلاق ئىچىگە ھەرخىل ئىسسىق ياغلار، مەسىلەن: سۇزاپ يېغى، ئىنەكپىتى يېغى تامغۇزۇش كېرەك. ئەگەر تېخىمۇ ئىسسىقلىق قىلىش ھاجەت بولسا، مەزكۇر ياغلارغا ئازراق قۇندۇز قەھرى، پەرپىيۇن ئارىلاشتۇرۇپ تېمىتىش كېرەك.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

قۇلاقتىن قان ئېقىش
قۇلاق غوڭۇلداش
ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى
سوغۇقتىن بولغان قۇ...
قاش ئوتتۇرىسى ئاغر...
[تىبابەت]قۇلاق ئاغر...
قۇلاق ئاغرىش
قۇلاق ياللۇغى
قۇلاق ئاقمىسى
گاسلىق
قۇلاق ئاستى بېزى يا...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

قۇلاقتىن قان ئېقىش
قۇلاق غوڭۇلداش
ئاڭلاشنىڭ بۇزۇلۇشى
سوغۇقتىن بولغان قۇلاق ئ...
قاش ئوتتۇرىسى ئاغرىش
[تىبابەت]قۇلاق ئاغرىقى
قۇلاق ئاغرىش
قۇلاق ياللۇغى
قۇلاق ئاقمىسى
گاسلىق
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316