ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باش كېسەللىكى >> مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى

مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-07-25 12:24:15    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  كۆزنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قەۋىتى تەبىقەيى سەلبىيە يەنى قاتتىق قەۋەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پەردىنىڭ كېسەللىكلىرى ئاساسەن مۈڭگۈز پەردىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە ئۇنىڭ قۇرۇپ قېلىشىدىن ئىبارەتتۇر.   باشقا قەۋەتلەرنىڭ ياللۇغى بىلەن بىللە كېلىشىمۇ مۇمكىن. ئاساسەن كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر، كۆزنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقاندەك سېزىلىشى، كۆز گۆھىرىنىڭ چوڭقۇرى ئاغرىشتۇر. ئەگەر قان ماددىسى غالىب بولسا كۆز ئىچى قادىلىدۇ، قىچىشىدۇ. قان ۋە قويۇلغان سەپرادىن بولغان ياللۇغلىنىشتا، كۆز ئىچىدە قىزىش ۋە قىزىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەگەر بەلغەمدىن بولسا، كۆز ئېغىر ۋە ھەرىكىتى سۇس بولىدۇ. مەيلى قايسى خىلىتتىن بولسۇن، مۈڭگۈز پەردىنىڭ ياللۇغى كۆزنىڭ سىرتقا پۇلتىيىپ چىقىشى )ھوجۇز( نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   داۋاسى:  ئەگەر قاندىن بولسا، بىنەپشە، نېلۇپەر، ئاق لەيلى، ئاقلىغان ئارپا، كۈنجۈت يېغى، شېكەرلەر ئېھتىياجىغا لايىق بېرىلىدۇ ۋە تۆۋەندىكى دورىلار بىلەن ھۆقنە قىلىنىدۇ. يەنى چىلان، سەرپىستان، ئەينۇلا، نېلۇپەر، ئاق لەيلى، يۇمغاقسۈت، كۈنجۈت يېغىنى يېتەرلىك مىقداردا ئېلىپ قاينىتىپ، تەرەنجىبىن قوشۇپ ھۆقنە قىلىش لازىم. بەدەن كېرەكسىز ماددىلاردىن تازىلانغاندىن كېيىن كۆزگە تۆۋەندىكى شامچىلار قويۇلىدۇ. نىشاستە، سەمغى ئەرەبى، كەتىرا ھەربىرى يەتتە گرامدىن، قەلەي كۇشتىسى 19 گرام، ئەپيۈن ئون گرام، بۇلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تۇخۇم ئېقى بىلەن خېمىر قىلىپ ،جىگدە ئۇرۇقى چوڭلۇقىدا شامچە تەييارلىنىدۇ. ئەگەر ماددا سەپرادىن بولسا مەتبۇخى ئەفتىمۇن Ⅱ )تەركىبى: ئەفتىمۇن، كابىل ھېلىلىسى ۋە ئۈستقۇددۇستىن 33 گرامدىن، شاھتەررە، بىستىپايەج ۋە سانا 17 گرامدىن، غارىقۇن ئۈچ گرام، سەبرىدىن يەتتە گرامدىن ئېلىپ، ئەفتىمۇندىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ، يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئەفتىمۇننى بىر خالتىغا سېلىپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، قازانغا تاشلاپ قويۇش لازىم. دورىلارنى داكا بىلەن سۈزۈپ، سىقىپ، سۈزۈلگەن دورا ئۈستىگە سەبرە ۋە غارىقۇننى >سىم ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن< سېلىپ ئىستېمال قىلىنىدۇ(، ئارقىدىن بېھى ئۇرۇقى، ئاقلانغان ئارپا، تۇخۇمەك ئۈزۈمى ۋە ئەنزىرۇتلارنى ھاجەت مىقدارى ئېلىپ، بىرئاز قايناق سۇ بىلەن تەمىنى چىقىرىپ كۆزگە تېمىتىلىدۇ. مۈڭگۈز پەردىنىڭ قۇرۇپ قېلىشى — ئاغرىق كۆزىنىڭ ئارقىغا تارتىشىپ قالغانلىقىدىن زارلىنىدۇ. كۆزنىڭ ئېقى نۇرسىزلىنىدۇ.   داۋاسى: مېڭە ۋە بەدەننى ھۆللۈك تەرىپىگە مايىل قىلىدىغان دورا ۋە غىزالارنى بۇيرۇش كېرەك. ھۆل قاپاقتا ئاش قىلىپ بېرىش، بادام مېغىزى، ئوسۇڭ، كۈدە، پالەك، يۇمغاقسۈت، توخۇ گۆشى، پاقلان گۆشى قاتارلىقلار بېرىلىدۇ. بۇرۇنغا قوي سۈتى، بىنەپشە يېغى تامغۇزۇش، بۇنىڭدىن باشقا قوي سۈتى قۇيۇش بىلەن كۆزگە قوي كۆزىنى تېڭىپ قويۇش لازىم. 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مۈڭگۈز پەردە ياللۇ...
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
قوۋۇرغا ئارىلىق نې...
نېرۋا ئاجىزلىقى
پالەچ ۋە ئىستىرخا
مالېخۇلىيا
قارا بېسىش
(ساراڭلىق )جۇنۇن
مالېخۇلىيائى مەراق...
[تېبابەت]مېڭە ياللۇ...
مېڭە پەردە ياللۇغى ...
باش قېيىش
شەقىقە
سەپرادىن بولغان با...
زۇكام ۋە نەزلە
3. قاندىن بولغان باش...
ئۇيقۇسىزلىق
نېرۋا مەنبەلىك باش ...
نېرۋا ئاجىزلىق
نېرۋا ئۇچى ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى...
قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىلى...
نېرۋا ئاجىزلىقى
پالەچ ۋە ئىستىرخا
مالېخۇلىيا
قارا بېسىش
(ساراڭلىق )جۇنۇن
مالېخۇلىيائى مەراقى
[تېبابەت]مېڭە ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316