پالەچ ۋە ئىستىرخا
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-12 17:42:08 كۆرۈلۈش سانى : 0
بەدەندىكى مەلۇم ئەزانىڭ ھەرىكىتى ۋە سېزىش قابىلىيىتى چەكلىنىپ قالغان ياكى پۈتۈنلەي دەخلىگە ئۇچرىغان كېسەللىك پالەچ ۋە ئىستىرخا دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى كىشىلەر پالەچ بىلەن ئىستىرخانى ئايرىمايدۇ. ئەمما يېقىنقى زامان تېۋىپلىرى گەۋدىنىڭ يېرىمى باشتىن - ئاخىرىغىچە ھەرىكەتلىنەلمەس بولۇپ قېلىشنى >پالەچ<، ئومۇمىي بەدەننىڭ پۈتۈنلەي پالەچ بولۇپ قېلىشىنى ئىستىرخا دەپ ئاتايدۇ.
كېسەللىك باشلانغاندىن كېيىن، بەزى كىشىلەردە سېزىم مەۋجۇت بولۇپ، ھەرىكەت دەخلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. يەنە بەزىلەردە ھەر ئىككىسى بىردەك دەخلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئالدىنقىسى مېڭىگە چۈشكەن قاندىن سەزگۈ مەركىزىنى بېسىپ قالماي، ھەرىكەت مەركىزىنى بېسىپ قالغانلىقنىڭ نەتىجىسى، كېيىنكىسى بولسا ھەر ئىككى مەركەز بىردەك بېسىلىپ قالغانلىق نەتىجىسىدۇر.
سەۋەبى: پالەچلىك ئاساسەن مېڭىگە قان چۈشۈپ، مەلۇم سېزىم مەركىزى ۋە ھەرىكەت مەركىزىنى بېسىپ قويۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. چۈشكەن قاننىڭ ئاز - كۆپلۈكى، بېسىلغان دائىرىدىكى مەركەزلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ئاغرىقنىڭ ئەسلىدىكى سالامەتلىك ۋە چېنىقىش ئەھۋاللىرى كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى، ساقىيىش ئاقىۋىتى قاتارلىقلارغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
مېڭىگە قان چۈشۈپ ئەسەبلەرنىڭ سېزىم ۋە ھەرىكەتنى باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى توسۇپ قويۇشىدىن تاشقىرى، يۇلۇننىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى، ھەرخىل ۋەرەم، ئىششىقلارنىڭ يۇلۇننى قىستاپ بېسىپ قويۇشى، مەلۇم ئەزالارنى باشقۇرىدىغان ئەسەبلەرنىڭ مەلۇم تەسىرگە ئۇچرىشىمۇ بەلگىلىك ئەزادا پالەچلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ )مەسىلەن: يۇتقۇنچاق، تىل، ئىنچىكە ئۈچەي، قول بارماقلىرىنىڭ چەكلىك دائىرىلىك پالەچلىنىشلىرىگە ئوخشاش(.
ئالامىتى: پالەچ ھۆللۈكتىن بولغاندا ئاستا باشلىنىدۇ. تومۇر ئاستا ياكى سۇس ياكى مۇتەفاۋەتلىك بولىدۇ. ئېغىر تۈرلىرىدە تومۇر تېز، ئىنچىكە ۋە مۇتەۋاتىر بولىدۇ. سۈيدۈك قايسى ماددىنىڭ بەلغەم ۋە قاننىڭ غالىبلىقىغا قاراپ ئاق ياكى قىزىل كېلىدۇ.
بەدەننىڭ پالەچلەنگەن قىسمى ئۆز رەڭگىنى يوقاتمىسا ۋە ئورۇقلاپ )يىگلەپ( كەتمىسە داۋالاش ياخشى نەتىجە بېرىدۇ.
سەۋەبلىرىگە قاراپ پالەچلىك ۋە ئىستىرخا تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:
1( ئومۇمىي بەدەن پالەچلىك )ئىستىرخا( — پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرىكەت ۋە سېزىمىنىڭ بولماسلىقى.
2( يېرىم پالەچ — بەدەننىڭ يېرىمى يەنى بىر تەرەپ يۈز، ئېغىز، قول - پۇتلارنىڭ پالەچ بولۇپ قېلىشى.
3( لەقۋا — پالەچلىككە پەي ۋە گۆشنىڭ تارتىۋېلىشى قوشۇلۇپ كېلىش نەتىجىسىدە يۈز گۆشىنىڭ پالەچلىنىپ قېلىشى بولۇپ، يۈز بىر تەرەپكە مايماقلىشىپ قالىدۇ؛ ئەس - ھوشى جايىدا بولىدۇ. ئاغزى تەم سېزەلمەيدۇ، تۆۋەنكى قاپاقلىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ، پېشانە تېرىسى قورۇقلىشىپ، ئېغىز سۈيى قۇرۇپ قالىدۇ. يۈز گۆشلىرىنىڭ تارتىشىۋېلىشى تەشەننۇجنىڭ بەلگىسى بولۇپ، قالغانلىرى پالەچلىك ئالامىتىدۇر.
4( بەل ئاستىنقى قىسمىنىڭ پالەچلىنىشى — مېڭە ۋە يۇلۇنغا زەرەر يەتكەندە ياكى ئاتېشەك )سىفلىس( كېسىلىدە ۋە جىنسىي ئالاقە بىلەن زىيادە شۇغۇللانغۇچى كىشىلەردە يۈز بېرىشى مۇمكىن. دەسلەپتە بەل ئاغرىش، ئاياغلار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق باشلامچى بەلگىلەر بولۇپ، تۇيۇقسىزلا ياكى تەدرىجىي ھالدا سېزىم ۋە ھەرىكەت يوقىلىدۇ. دوۋساق پالەچلەنگەنلىكتىن، سۈيدۈكنى تۇتالماي دائىم تامچىلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ.
5( تىترەپ تۇرىدىغان پالەچلىك )پالىچى رەئىشى(: پالەچلەنگەن ئەزا )بولۇپمۇ قول( تىترەپ تۇرىدۇ. ئاياللاردا خۇسۇسەن ھاراقنى كۆپ ئىچكۈچىلەردە كۆرۈلىدۇ، كېسەللىك ئاستا باشلىنىدۇ، دەسلەپ تىترەش كېلىپ چىقىپ، كېيىن سەزمەس بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا تىترەش ئۇخلاۋاتقاندىمۇ داۋاملىشىدۇ.
6( بالىلار پالىچى )پالىچى ئەتفال(: بالىلاردا ھەرخىل ياشتا ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەمما بوۋاقلاردا كۆپرەك يۈز بېرىدۇ. بالىلاردا ئاغرىق باشلىنىشتىن بۇرۇن زۇكامنىڭ بەلگىلىرى، ئاشقازان بۇزۇلغانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەدەنگە تاشمىلار چىقىشى مۇمكىن. بەزىدە قىزىل، چېچەك كېسەللىرىدىن كېيىنلا يۈز بېرىدۇ. كېسەللىك تۇيۇقسىز باشلىنىپ بالا ماڭالماي قالىدۇ، ئومۇمىي بەدەنلىك بولغاندا ھەتتا بالا بوينىنى تىكلىيەلمەي قالىدۇ.
داۋاسى: پالەچ ۋە ئىستىرخانى داۋالاشتا ئالدىراپلا تېز تەسىر قىلغۇچى تەدبىرلەرنى قوللانغىلى بولمايدۇ. ئالدى بىلەن سەۋەبچى ماددا قان ۋە بەلغەمنى پىشۇرۇشقا كىرىشىشى كېرەك.
مائۇلئۇسۇل )تەركىبى: كەرەپشە يىلتىزى، بەدىيان يىلتىزى 33 گرامدىن، ئىزخىر 17 گرام، ئارپىبەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، رۇم بەدىيان، قەنتەرىيون، ئاقىرقەرھا، زەنجىۋىل ھەرقايسىسى ئون گرامدىن، قۇستە، ئۇزۇن زىراۋەندە 13 گرامدىن، سىيادان، قۇندۇز قەھرى يەتتە گرامدىن، قەردمانە، سۇزاپ ئۇرۇقى، شەترەنجى ھىندىدىن 17 گرامدىن ئېلىپ، ئۇرۇق دورىلارنى يۇمشاق، يىلتىز دورىلارنى چالا سوقۇپ، 5.3 كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا سۈزۈپ، ئۈستىگە ئىنەكپىتى >بىدەنجىر< يېغى، ئايارەج پەيقىرادىن 99 گرام قوشۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن ھەر كۈنى 40 گرام ئىچىلىدۇ.
ماددا پىشقاندا تازىلاش ئۈچۈن ئايارەج پەيقىرا )تەركىبى: ئۇدبىلسان، مەستىكى رۇمى، ئاسارۇن ۋە زەپەر ئون گرامدىن، سەبرە 91 گرام، ھەسەلدىن ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، زەپەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەرنى ئايرىم سوقۇپ، بىر ئاز قىزىتىلغان ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، قالغان دورىنى ئۈستىگە قۇيۇپ خېمىردەك يۇغۇرۇپ، 40 كۈن قويۇپ قويۇلىدۇ( دىن ئون گرامدىن ھەر كۈنى ئاخشامدا بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مەجۈنى فىلاسىپە )تەركىبى:پىلپىل، قارىمۇچ، دارچىن، ئۇرۇقىدىن ئايرىلغان ئامىلە، بەلىلە پوستى، شەترەنجى ھىندى، زىراۋەندى مۇدەھرەج، خۇسيەتۇسسۆئلەب، قارىغاي مېۋىسى >چىلغوزا< مېغىزى، بابۇنە يىلتىزى، شاقاقۇل، نارجىل ھەرقايسى 33 گرامدىن، بابۇنە ئۇرۇقى 560 گرام، ئۇرۇقسىز قۇرۇق ئۈزۈم 99 گرام، ھەسەلدىن پۈتۈن دورىلارنىڭ ئىككى باراۋىرىدە ئېلىپ، مېغىز ۋە ئۈزۈمنى ئايرىم - ئايرىم سوقۇپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاۋۋال مېغىزلارنى ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ خېمىردەك يۇغۇرۇپ مەجۈن قىلىپ، چىنە قاچىدا 40 كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن 10 ~ 7 گرامغىچە تاماقتىن كېيىن چاي بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ھەببى ئايارەج )تەركىبى: ئايارەج پەيقىرا، تۇربۇت، غارىقۇن 33 گرامدىن، كابىل ھېلىلىسى، سېرىق ھېلىلە، رۇم بەدىيان 12 گرامدىن، ھىندى تۇزى، سوقمۇنىيا ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، بادام يېغى بەش گرام، بەدىيان ئەرقىدىن 20 گرام ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، بەدىيان ئەرقى بىلەن ئايارەجنى ئېرىتىپ، ئۈستىگە بادام يېغى ۋە تالقان دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر قىلىپ، نوقۇت چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ( دىن ھەر كۈنى 3 ~ 7 ~ 11 دانىدىن كەچقۇرۇن بىر قېتىم قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
مەجۈنى مەسرىدىتوس )تەركىبى: ئىزخىر، ئۈستقۇددۇس، سىساليۇس، كامادىرىيوس، مەستىكى، پىلپىل، ئۇسارە لەھىيەتۇتتىس، قۇندۇز قەھرى، جاۋاشىر، ئۇد بىلسان، قۇستە شېرىن، تاغ پىننىسى، ئوشەق، ئېگىر ۋە سەكبىنەج ھەر قايسىسى 26 گرامدىن، سەلىخە، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، سۆرۈنجان مىسرى، جۆئدە، ئۈستقۇددۇس، دۇقۇ ۋە ئىكلىلمىلىكتىن 22 گرام، پەتەر ئاساليون، ئارپىبەدىيان ۋە قەردمەنا، ئەپيۈن 71 گرامدىن، رۇم بەدىيان ۋە ئاسارۇن ئون گرامدىن، ئاقاقىيا 13 گرام، سەقەنقۇر ئۈچ گرام، ھۇپارىقۇن 15 گرام، جىنتىيانا، رەۋغىنىنى بىلسان، قۇرسى پەرپىيۇن ۋە مۇقەل 22 گرامدىن، سۇزاپ يەتتە گرام، نارجىل، سەمغى ئەرەبى 16 گرامدىن، ھەسەلدىن ئومۇمىي دورىلار ئېغىرلىقىدا ئۈچ ھەسسە ئېلىپ، يېلىم دورىلارنى رەيھان شەربىتىگە چىلاپ ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى قائىدە بويىچە ئېرىتىپ قوشۇپ، ئۈستىگە يېلىم دورىلارنى قۇيۇپ ياخشى ئىلەشتۈرۈپ، چىنە - قاچىلارغا ئېلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن >ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بېرىلمەيدۇ< پالەچ ۋە لەقۋا كېسەللىكلىرىگە مائۇلھەسەل >ھەسەل سۈيى< بىلەن بېرىلىدۇ. ئادەتتە كۈنىگە بىر قېتىم )سەھەردە( ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. زەھەرلىنىشلەردە ئەھۋالغا قاراپ كۈنىگە 3 ~ 6 تال ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ھەببى جەدۋار )جەدۋار ئايلىشى، ئاق سەندەل، قەلەمپۇر، سەمغى ئەرەبى، دۇرنەج ئەقرەبى، قارىمۇچ ۋە دارچىن ھەرقايسىسى يەتتە گرام، زەپەر، ئاقىرقەرھا ۋە ئىپاردىن 5.1 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ قەنت سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، قارىمۇچ چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياساپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ( دىن 12 ياشتىن تۆۋەنلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ، چوڭلارغا كۈنىگە بىر قېتىم 5 ~ 7 دانىغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ھەببى پەرپىيۇن )تەركىبى: پەرپىيۇن، مۇقەل، غارىقۇن، سەكبىنەج، شەھمەنزەل قاتارلىقلارنىڭ ھەرقايسىسى بىر ھەسسە، سەبرە سۇقۇتىدىن ئىككى ھەسسە ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ >غارىقۇننى سىم ئەلگەكتىن سۈرۈپ ئۆتكۈزۈپ< كۈدە سۈيى بىلەن ھەب قىلىپ تەييارلىنىدۇ.( دىن كۈنىگە بىر قېتىم 3 ~ 7 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ھەببى مەنتىن )تەركىبى: سەكبىنەج، ئوشەق، جاۋاشىر، مۇقەل، شەھمەنزەل، ئادراسمان، سەبرە سۇقۇتى، تۇربۇت، سېرىق ھېلىلە پوستى، ئەنزىرۇت ھەرقايسىسىدىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدە )جۇسەي( سۈيى بىلەن كۇمىلاچ قىلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە بىر قېتىم يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. دورىلارنىڭ بىرىنى تاللاپ بېرىشكە بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى مەجۈنى مەسرىدىتوس )ئىزخىر، ئۈستقۇددۇس، سىساليۇس، كامادىرىيوس، مەستىكى، پىلپىل، ئۇسارە لەھىيەتۇتتىس، قۇندۇز قەھرى، جاۋاشىر، ئۇد بىلسان، قۇستە شېرىن، تاغ پىننىسى، ئوشەق، ئېگىر ۋە سەكبىنەج ھەر قايسىسىدىن 26 گرامدىن، سەلىخە، ئاقمۇچ، قارىمۇچ، سۆرۈنجان مىسرى، جۆئدە، دۇقۇ ۋە ئىكلىلمىلىك ھەرقايسىسىدىن 22 گرامدىن، پەتەر ئاساليون، ئارپىبەدىيان ۋە قەردمەنا، ئەپيۈن 17 گرامدىن، رۇم بەدىيان ۋە ئاسارۇن ئون گرامدىن، ئاقاقىيا 13 گرام، سەقەنقۇر ئۈچ گرام، ھۇپارىقۇن 15 گرام، جىنتىيانا، رەۋغىنى بىلسان، قۇرسى پەرپىيۇن ۋە مۇقەل 22 گرامدىن، سۇزاپ يەتتە گرام، نارجىل، سەمغى ئەرەبى 16 گرامدىن، ھەسەلدىن ئومۇمىي دورىلار ئېغىرلىقى بىلەن ئۈچ باراۋەر ئېلىپ تەييارلىنىدۇ( يېلىم دورىلارنى رەيھان شەربىتىگە چىلاپ ئېرىتىپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەلنى قائىدە بويىچە ئېرىتىپ قوشۇپ، ئۈستىگە يېلىم دورىلارنى قۇيۇپ ياخشى ئىلەشتۈرۈپ، چىنە - قاچىلارغا ئېلىپ، >ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا بېرىلمەيدۇ< پالەچ ۋە لەقۋا كېسەللىكلىرىگە مائۇلھەسەل >ھەسەل سۈيى< بىلەن بېرىلىدۇ. ئادەتتە كۈنىگە بىر قېتىم >سەھەردە< ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. زەھەرلىنىشلەردە ئەھۋالغا قاراپ كۈنىگە 3 ~ 6 قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ ۋە مەجۈنى بالادۇر Ⅱ )سۇمبۇل، سازەج ھىندى، سەلىخە، مورمەككى، زەپەر، ئەفتىمۇن، ئىزخىر، رەۋەن چىنى، ھەببىلبان، قەلەمپۇر، ئىرسا ۋە سەبرە ھەر قايسىسىدىن 25 گرامدىن، غارىقۇن 26 گرام، بالادۇر 17 گرام، بىخ بەدىيان 890 گرام، سىركە 48.1 كىلوگرام، ھەسەلدىن 15.1 كىلوگرام ئېلىپ، بەدىيان يىلتىزىنى چالا سوقۇپ، بىر كېچە ئازراق سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئەتىسى سىركە بىلەن قاينىتىپ، تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈپ، سۈيىگە ھەسەل سېلىپ قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قىيام بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن قىلىپ تەييارلاپ، چىنە قاچىدا ئالتە ئاي تۇرغۇزۇلىدۇ( دىن كۈنىگە 3 ~ 5 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ. كىچىك بالا ۋە ئۆسمۈرلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ.
پېشقەدەم تېۋىپلار ھەركۈندە ئۈچ گرامدىن بېرىش، ئايارەج پەيقىرانى بەش كۈنگىچە بېرىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. بەزىلەر ھەركۈنى ئۈچ گرام ئايارەج پەيقىراغا قارىمۇچ، قۇندۇز قەھرى قوشۇپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ھەپتىدە بىر قېتىم ھەببى قوقىيا بىلەن سۈرگە بېرىش كېرەك، دەيدۇ. كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەش مۇۋاپىقتۇر.
سامساق، ئۈزۈم، ياڭاق، جويۇز، پىلپىل، قارىمۇچلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكە بېرىلىدۇ. تۇخۇمغا بىرئاز بوزبۇغا ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ بېرىلىدۇ. قۇشقاچ گۆشى كاۋاپ قىلىپ بېرىلىدۇ.
ئەگەر كېسەلنىڭ ئەھۋالى مەنئى قىلمىسا قان ئېلىشنى ئويلاپ بېقىش كېرەك.
پالەچلەنگەن ئەزاغا ئازراق تاتلىق شىرىلىك سۇيۇقلۇقنى يۇقتۇرۇپ ھەرىگە چاقتۇرۇلسا، ھەرە زەھىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەرىكەتكە كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك قۇستە يېغى )قۇستە تەلىخى 33 گرام، قارىمۇچ ۋە پەرپىيۇن يەتتە گرامدىن، ئاقىرقەرھا 13 گرام، قۇندۇز قەھرى 15 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 165 گرامدىن ئېلىپ، قۇستە، ئاقىرقەرھا ۋە قارىمۇچلارنى چالا سوقۇپ، بىر كېچە مۇسەللەسكە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، يېرىمى قالغاندا زەيتۇن يېغى قوشۇپ، قايناپ پەقەت يېغىلا قالغاندا، پەرپىيۇن، قۇندۇر قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قازاننى چۈشۈرۈش بىلەن تەڭ ياغقا سېلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ شېشىلەردە ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە بىر قانچە قېتىم پەي ۋە باشقا ئەزالارنى ئاپتاپتا ياغلاش ۋە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ ياغنى سىڭدۈرۈپ بېرىش كېرەك. |
|