ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> باش كېسەللىكى >> (ساراڭلىق )جۇنۇن

(ساراڭلىق )جۇنۇن

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-02 17:58:07    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:  ماددىلارنىڭ كۆيۈشى بىلەن مېڭىگە ھەرخىل بۇخاراتلار توپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ساراڭلىق كېسىلى ئالامىتىگە قاراپ 14 تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلاردىن ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى دائىم تېرىكىپ تۇرىدىغان، ئۇرۇشقاق بولغىنى >مانىيا< دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ئۆلتۈرۈشكە قەست قىلغۇدەك دەرىجىدىكىلىرى >جۇنۇنى قاتىل<، ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى، يولدىشى، ئاتا - ئانىلىرىدىن قاچىدىغانلىرى >جۇنۇنى نەپسا<، ئاشىق بولۇپ قېلىپ ساراڭ بولغانلار >جۈنۇنى ئىشقى< دەپ ئاتىلىدۇ.   ئالامىتى:  روھىي ھالەتتىن تاشقىرى، قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىلىتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: سەپرانىڭ كۆيۈشىدىن بولغان جۇنۇندا بىمارنىڭ ئۆزى ئورۇق، رەڭگى قارا كېلىدۇ. قاننىڭ كۆيۈشى ۋە ئىسسىقتىن بولغان جۇنۇندا بىمارنىڭ يۈزى ۋە كۆزىنىڭ ئىچى قىزىل  بولىدۇ.   داۋاسى:  كېسەللىك ماددىسىغا قاراپ ئاۋۋال شۇ ماددىنى پىشۇرىدىغان، ئاندىن سۈرۈپ تازىلايدىغان دورىلار بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يۈرەك ۋە مېڭىنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلاردىن مۇپەررىھى ياقۇتىⅠ )تەركىبى: تېشىلمىگەن مەرۋايىت، گاۋزىبان، بىخ مارجان، قۇرۇق يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، ئاق بەھمەن، قىزىلگۈل، كەھرۋا، تۇرۇنجى پوستى، يىپەك غوزىسى، سېمىزئوت ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، كاپۇر ئۈچ گرام، قىزىل ياقۇتتىن يەتتە گرام ئېلىپ، ياقۇتنى كۇشتە قىلىپ، بىخ مارجان بىلەن مەرۋايىتنى تۆمۈر قاچىغا سېلىپ چوغ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرۈپ، سالايە قىلىپ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرىقىلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئىككى ياكى ئۈچ ھەسسە سېرىق ھېلىلە مۇرابباسىنىڭ شىرىسى بىلەن مەجۈن تەييارلىنىدۇ( دىن كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە گرامدىن بېرىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

مۈڭگۈز پەردە ياللۇ...
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
قوۋۇرغا ئارىلىق نې...
نېرۋا ئاجىزلىقى
پالەچ ۋە ئىستىرخا
مالېخۇلىيا
قارا بېسىش
(ساراڭلىق )جۇنۇن
مالېخۇلىيائى مەراق...
[تېبابەت]مېڭە ياللۇ...
مېڭە پەردە ياللۇغى ...
باش قېيىش
شەقىقە
سەپرادىن بولغان با...
زۇكام ۋە نەزلە
3. قاندىن بولغان باش...
ئۇيقۇسىزلىق
نېرۋا مەنبەلىك باش ...
نېرۋا ئاجىزلىق
نېرۋا ئۇچى ياللۇغى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى...
قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىلى...
نېرۋا ئاجىزلىقى
پالەچ ۋە ئىستىرخا
مالېخۇلىيا
قارا بېسىش
(ساراڭلىق )جۇنۇن
مالېخۇلىيائى مەراقى
[تېبابەت]مېڭە ياللۇغى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316