نېرۋا ئاجىزلىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-12 17:42:46 كۆرۈلۈش سانى : 0
ئۇزاق مۇددەت ئەسەبلەرنى غىدىقلايدىغان، ھالسىزلاندۇرىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى مالېخۇلىيا كېسىلىنىڭ بىر تۈرى دەپ قارايدۇ.
سەۋەبى: ئەسەب ئاجىزلىقىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ ۋە خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇلاردىن مۇھىمراقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: ئەجدادى زەئىپرەك بولغان كىشىلەرنىڭ ئەۋلادلىرى بۇ كېسەلگە ئوڭايلا دۇچار بولىدۇ. شۇنىڭدەك نازۇك تەبىئەتلىك )ئىنچىكە مىزاجلىق( ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرمۇ بۇنىڭغا مايىل كېلىدۇ؛ جەۋرى - جاپا، روھىي غىدىقلىنىشلارغا كۆپ ئۇچراش؛ ئەقلىي ئەمگەكلەر بىلەن ئۇزاق شۇغۇللىنىش؛ مېڭىنى ئارتۇقچە ئىشلىتىش؛ ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛ قەھۋە )كافى( نى زىيادە ئىچىپ يۈرۈش؛ خەتەرلىك ئورۇنلار )كان ئىچى، قۇدۇق ئىچى ۋە يۇقىرى ئىمارەت قۇرۇلۇشى( دا دائىملىق ئەندىشە ئىچىدە ئىشلەش؛ يۇقىرى قىزىتمىلىق كېسەللىكلەر ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاغرىقلار بىلەن ئاغرىش؛ ئاشقازان، جىگەر، ئۈچەي ئاغرىقلىرى سەۋەبىدىن مېڭە ئاجىزلىشىش؛ جىنسىي ئالاقە بىلەن ھەددىدىن زىيادە شۇغۇللىنىش ياكى ئۇزاققىچە جىنسىي ئالاقە تەلىپى قانماسلىق.
ئالامىتى: ئاغرىق كىشى روھسىز، خىيالچان، چىرايى سېرىق بولىدۇ، ئۇخلىيالمايدۇ، ئۇخلىسىمۇ كۆپ چۈش كۆرۈپ ھارغىن ھالەتتە ئويغىنىدۇ، ئادەم كۆپ جايلاردا تۇرۇشتىن قاچىدۇ، يالغۇزلۇقنى خالايدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ ئۇرۇقلايدۇ، پىكىر قىلىش، ئەستە قالدۇرۇش قابىلىيەتلىرى تۆۋەنلەيدۇ. ئەرلەردە باھ ئاجىزلاش، سۇيۇق كېلىش ئەھۋاللىرىمۇ قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
داۋاسى: سەۋەبچى بولغان ئامىللارنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىش،ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش، مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك، تەنتەربىيە بىلەن چېنىقىش كېرەك. شۇنىڭدەك تۆۋەندىكى دورىلارنى بېرىش، ئىمكانىيەت بولسا دورىلارنىڭ بىر قانچىسىنى بىرلىكتە بېرىش لازىم. چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا ئۈنۈمى تېزرەك كۆرۈلىدۇ.
خېمىرى گاۋزىبان )تەركىبى: گاۋزىبان، ئاقلانغان يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، قىرقىلغان پىلە غوزىسى، ئاق بەھمەن، بالەنگو ئۇرۇقى، ئىكەكلەنگەن ئاق سەندەل ۋە پەرەنجىمىشكى ھەرقايسىسى 13 گرامدىن، ئەنبەر 5.1 گرام، كۆيدۈرۈلگەن مەرۋايىت ۋە ئىپاردىن 8.0 گرامدىن ئېلىپ، دورىلارنى چالا سوقۇپ، 792 گرام سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى ئۈچتىن بىر قىسمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ، 396 گرام ناۋات بىلەن قىيام قىلىپ، قىيام ئىلمان ھالغا كەلگەندە ئىپار، ئەنبەر ۋە مەرۋايىتلارنى سالايە قىلىپ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.(
خېمىرى ئەۋرىشىم [ZW(]بۇ مېڭە ۋە يۈرەكنىڭ ھەرخىل ئاجىزلىقلىرى ئۈچۈن مۇھىم دورا نۇسخىلىرىدىن بىرى.[ZW)] )تەركىبى: ئۇد ھىندى، ئاق سەندەل كېپىكى بەش گرامدىن، سۇمبۇل، پىستىنىڭ تاشقى پوستى، پىشقان ئاپېلسىن شۆپىكى، مەستىكى قەلەمپۇر، لاچىندانە ۋە سازەج ھىندى ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، تېشىلمىگەن مەرۋايىت ۋە كەھرىۋا ئون گرامدىن، قىزىل ياقۇت بەش گرام، شاخ مارجان ۋە بىخ مارجان ئون گرام، زەپەردىن ئون گرامدىن، ئىپار، ئەنبەر بەش گرامدىن، پىلە غوزىسى >قاينىتىلمىغىنى< 40 گرام، گاۋزىبان ئەرقى، بىدمىشكى ئەرقى، قىزىلگۈل ئەرقى >گۇلاب<، ئالما سۈيى ۋە ئانار سۈى 150 گرامدىن، پار سۈيى 792 گرام، قەنت 288 گرام، ھەسەل 200 گرام، ئالتۇن ۋەرەق ۋە كۈمۈش ۋەرەقتىن 40 دانىدىن ئېلىپ، ئاۋۋال پىلىنى ئەرەق ۋە سۇدا ئۈچ كۈن چىلاپ قويغاندىن كېيىن يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ماتادىن ئۆتكۈزۈپ، تازا سىقىپ، سۈيىگە قەنت ۋە ئالما - ئانار سۇلىرىنى سېلىپ قىيام قىلىپ، مەرۋايىت، ياقۇت، مارجانلارنى كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كەھرىۋا بىلەن قوشۇپ سالايە قىلىنىدۇ. قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، زەپەر، ئىپار، ئەنبەرلەرنى سالايە قىلىپ، گۇلاب بىلەن ئېرىتىپ، ئىلمان قىيامغا قوشۇپ، تازا ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، سوقۇلغان تالقانلارنى ۋە ئەلگەكتىن يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ، قىيامغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش ۋەرەقلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن چىنە - قاچىلارغا ئېلىپ ساقلىنىدۇ( دىن كۈنىگە 1 ~ 2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 7 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
داۋائى مىشكى )تەركىبى: دۇرنەج ئەقرەبى، تېشىلمىگەن مەرۋايىت، كەھرىۋا ۋە مارجان >كۆيدۈرۈلگەن< 33 گرامدىن، قىرقىلغان پىلە، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سۇمبۇل، قاقىلە، سازەج ھىندى ۋە قەلەمپۇر ھەرقايسىسى 17 گرامدىن، ئۆشنە، زەنجىۋىل ۋە پىلپىل 13 گرامدىن، ئىپار ئۈچ گرام، ھەسەلدىن پۈتۈن دورا مىقدارىدىن ئىككى ھەسسىسىدىن ئارتۇق ئېلىپ، پىلە غوزىسىنى قىرقىپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەرۋايىت گۇلاب بىلەن ئۇپىدەك سوقۇلىدۇ. ئىپار ئازراق قەنت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇلىدۇ، قالغان دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقاندەك قىلىنىدۇ، ھەسەلنى ئېرىتىپ، ئۈستىگە مەرۋايىت، ئىپارنى سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن قالغان دورىلارنى سېلىپ، مەجۈن تەييارلاپ، چىنە قاچىدا 40 كۈن قويۇپ تىندۇرۇلىدۇ( دىن ھەر كۈنى 3 ~ 5 گرامغىچە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
لوبۇبى كەبىر )تەركىبى: پىستە مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، بادام مېغىزى، ياڭاق مېغىزى، ھەببەتۇلخۇزرا، چىلغوزا مېغىزى، ھەببى زەلەم، ماھى رۇم بەدىيان، خولىنجان، شاقاقۇل، قىزىل بەھمەن، ئاق بەھمەن، سېرىق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، زەنجىۋىل، ئاقلانغان كۈنجۈت، دارچىن ھەرقايسىسى 17 گرامدىن، سۇمبۇل، سەئدى كوفى، قەلەمپۇر، كاۋاۋىچىن، ھەببى قەلقەل، سەۋزە ئۇرۇقى، چامغۇر، پىياز، تۇرۇپ، بېدە ئۇرۇقى، ھەليۇن ئۇرۇقى، ئەرمىدۇن ئۇرۇقى، دۇرنەج ئەقرەبى، زورەنباد ئون گرامدىن، جويۇز، بەسباسە، پىلپىل يەتتە گرامدىن، سۆئلەپ مىسرى، نارجىل، قۇشقاچ مېڭىسى، كۆكنار ئۇرۇقى يەتتە گرامدىن، ئىكەكلەنگەن بۇقا چۇيىسى، سۆرۈنجان، بوزىدان، يالپۇز 13 گرامدىن، تۆگە بوتلىقىنىڭ ئوغۇز سۈتى، زەپەر مەستىكى ئون گرامدىن، ئۇدى خام سەككىز گرام، ئەنبەر ئۈچ گرام، ئىپار 5.1 گرام، ئالتۇن ۋەرەق 30 دانە، كۈمۈش ۋەرەق 50 دانە، ھەسەلدىن پۈتۈن دورىلار ۋەزنى بىلەن ئۈچ باراۋەر ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالدى بىلەن زەپەر، ئىپار، ئەنبەرلەرنى سالايە قىلىپ، ھەسەلنى قائىدە بويىچە ئېرىتىپ، ئارىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن تەييارلانغان تالقان دورىلارنى قوشۇپ مەجۈن تەييارلاپ، قىرىق كۈنگىچە ھەر كۈنى بىر قېتىم ياغاچ قوشۇق بىلەن قوچۇپ قويۇلىدۇ. شېشە ياكى چىنىلەردە ساقلىنىدۇ.( دىن كۈنىگە ئىككى قېتىم 7 ~ 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇلاردىن ئەڭ ياخشى تەسىر قىلىدىغىنى خېمىرى گاۋزىباندۇر.
|
|