قارا بېسىش
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-02 17:59:54 كۆرۈلۈش سانى : 0
كېسەل كىشى ئۇخلاۋېتىپ دائىم قورقۇپ ئويغىنىپ كېتىدۇ. چۈشىدە ئېغىر بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك تۇيۇلىدۇ، نەپەس قىسىلىدۇ، مىدىرلاشقا قانچە ھەرىكەت قىلسىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ۋارقىرىسا ئاۋازى چىقماي بوغۇلۇپ قالىدۇ. كېسەل ئاران ئويغىنىدۇ. خېلى ۋاقىتقىچە ئۆزىگە كېلەلمەيدۇ. قارا بېسىش تەرەققىي قىلسا تۇتقاق كېسىلىگە ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
سەۋەبى: قان يوللىرىدا پەيدا بولغان نامۇۋاپىق خىلىتلارنىڭ بۇخاراتى مېڭىگە ئۆرلەيدۇ. كېسەل ئۇخلىغاندا بۇ بۇخاراتلار مېڭە ئالدىنقى قىسمىغا توپلىشىپ مېڭىنى قورشىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياتلىق كۈچى سىقىلىپ، پۈتۈن بەدەندە غەيرىي بىر ئەھۋالنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇخاراتلارنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ قارا بېسىش قاندىن، بەلغەمدىن ۋە سەۋدادىن بولغان دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.
1( بۇخارات قاندىن كەلگەن بولسا بەدىنى ۋە كۆزى قىزارغان بولىدۇ. ئاغرىق چۈشىدىمۇ كۆز ئالدىدا بىر خىل قىزىللىق كۆرگەندەك بولىدۇ.
2( بەلغەمدىن بولسا چىرايى ئاق، روھى تۆۋەن، بېشى ئېغىر بولىدۇ. ئاغزىدىن كۆپۈك كېلىدۇ.
3( سەۋدادىن بولغان بولسا ئادەتتىكى چاغلاردا روھىي بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: ئاچچىقى يامان، تولا ئويلايدىغان بولۇپ، بەدىنى قارا، ئۆزى ئورۇق بولىدۇ.
داۋاسى: كېسەلنىڭ ماددىسىغا قاراپ تەدبىر قىلىش كېرەك. مەسىلەن: قاندىن بولغان كېسەللەرگە قاننى تازىلايدىغان دورىلارنى بېرىش، ئاياغ تەرەپلىرىگە ھىجامەت قويۇش كېرەك.
بەلغەمدىن بولغانلارنى ئالدى بىلەن قەي قىلدۇرۇپ ۋە بۇرۇنغا چۈشكۈرتكۈچى دورىلار تارتقۇزۇلىدۇ. قەي قىلدۇرۇش ئۈچۈن سېرىقچېچەك، تۇرۇپ ئۇرۇقىنى قاينىتىپ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ بېرىلسە بولىدۇ.
سەۋدادىن بولغانلارغا مەتبۇخى ئەفتىمۇنⅡ )تەركىبى: ئەفتىمۇن، كابىل ھېلىلىسى ۋە ئۈستقۇددۇس 33 گرامدىن، شاھتەررە، بىستىپايەج ۋە سانا 17 گرامدىن، غارىقۇن ئۈچ گرام، سەبرىدىن يەتتە گرام ئېلىپ، ئەفتىمۇن )سېرىق يۆگەي( دىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئۈچ كىلوگرام سۇ قۇيۇپ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىلىدۇ. ئەفتىمۇننى بىر خالتىغا سېلىپ، ئاغزىنى ھىم ئېتىپ قازانغا تاشلاپ قويۇش لازىم. دورىلارنى داكا بىلەن سۈزۈپ، سىقىپ، سۈزۈلگەن دورا ئۈستىگە سەبرە ۋە غارىقۇننى >سىم ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلگەن< سېلىپ تەييارلىنىدۇ( دىن بېرىلىدۇ. بۇ داۋالاشلاردىن كېيىن ئاغرىقلارغا ئايارەج پەيقىرا ياكى ھەببى قوقىيا بېرىلىدۇ. |
|