قوۋۇرغا ئارىلىق نېرۋىلىرىنىڭ ئاغرىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-22 12:51:29 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى: ئاياللاردا ھەيز توختاپ قېلىشى ياكى بالىياتقۇنىڭ بوغۇلۇشى سەۋەب بولىدۇ. بەزىدە تۇتقاق كېسەلنىڭ بىر ئالامىتى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئاساسەن قوۋۇرغا تەرەپكە بارغۇچى يۇلۇن ئەسەبلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى سەۋەب بولىدۇ.
ئالامىتى: ئاغرىش بەل ساھەسىدە كۆپ بولۇپ، قوۋۇرغىلارغا تارىلىدۇ. بېسىپ تۇرسا ئارام تاپىدۇ.
داۋاسى: مىزاجنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن مائۇلئۇسۇل )تەركىبى: بىخ كەبىر ۋە بەدىيان يىلتىزى 33 گرامدىن، كەرەپشە يىلتىزى، كەرەپشە ئۇرۇقى، كىچىك سېرىق يۆگەي ئۇرۇقى، ئارپىبەدىيان ئۈچ گرامدىن, ئىزخىر 13 گرام، ھەببى بىسان، ئاسارۇن ۋە جىنتىيانا ھەرقايسىسى يەتتە گرامدىن، ئۇد بىلسان، بوزىدان، سەلىخ ۋە ھەزار ئىسپەندتىن 10 گرامدىن ئېلىپ، ئۈچ چوڭ چىنە سۇغا بىر كېچە چىلاپ، ئەتىسى يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ( دىن كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ياغلاش ئۈچۈن قۇستە يېغى )تەركىبى: قۇستە تەلىخى 33 گرام، قارىمۇچ ۋە پەرپىيۇن يەتتە گرامدىن، ئاقىرقەرھا 13 گرام، قۇندۇز قەھرى 15 گرام، زەيتۇن يېغىدىن 165 گرامدىن ئېلىپ، قۇستە، ئاقىرقەرھا ۋە قارىمۇچلارنى چالا سوقۇپ، بىر كېچە مۇسەللەسكە چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ يېرىمى قالغاندا زەيتۇن يېغى قوشۇپ، قايناپ يېغى قالغاندا، پەرپىيۇن، قۇندۇر قەھرىنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قازاننى چۈشۈرۈش بىلەن تەڭ ياغقا سېلىپ ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ، شېشىلەردە ئاغزىنى مەھكەم بېكىتىپ ساقلىنىدۇ( دىن كۈنىگە بىر قانچە قېتىم پەي ۋە باشقا ئەزالارنى ئاپتاپتا ياغلايدۇ. يېيىشكە سەنجىرىنا )تەركىبى: قۇندۇز قەھرى، دارچىن، ئەپيۈن، ئاسارۇن، ئوردان ۋە دۇقۇ ئۈچ گرامدىن، قارىمۇچ، پىلپىل، ۋە قۇستە شېرىن 20 گرامدىن، زەپەر بەش گرام، ھەسەلدىن پۈتۈن دورىلار ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ باراۋىرىدە ئېلىپ، دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ، 3 ~ 6 ئاي تۇرغۇزۇلىدۇ.( دىن 5.1 گرام ياكى ئۈچ گرامدىن كۈنىگە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىنىدۇ ياكى 52 - نۇسخىدىكى دورا بېرىلىدۇ. |
|