ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> تېرە كېسەللىكى >> ئۈششۈك

ئۈششۈك

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:13:33    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، قاتتىق سوغۇق تەسىرىدە پۇت - قول ئۇچلىرى، قۇلاق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قان تومۇرلار ئىنچىكە، تەبىئىي ھارارەت تەستىرەك يېتىپ بارىدىغان ئەزالارنىڭ توڭۇپ، توقۇلمىلارنىڭ زەخىمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كېسەللەنگەن ئەزا توڭلاپ، ئىششىش، قىچىشىش، توقۇلمىلار قارىداش، بەزىدە سېسىپ چۈشۈپ كېتىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   قىزىلمۇچ 300 گرام، تەرخەمەك غولى 200 گرام، كاۋا شۆپۈكى 150 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تولۇق تەمىنى چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم ئۈششۈك ئورۇن يۇيۇلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قۇرۇتۇپ، سوقۇلغان قىزىلمۇچ 30 گرام، ئاق % 70 لىك ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قىزىلمۇچنى ئىسپىرتقا بىر ھەپتە چىلاپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە 3 ~ 5 قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   قۇرۇتۇلغان لازا، ئارپىبەدىيان، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، كاپۇر تەڭ مىقداردا، ئىسپىرت مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى ئىسپىرتقا چىلاپ، تولۇق تەمى چىققاندىن كېيىن سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا دورىنى يەرلىك ئورۇنغا تېمىتىپ، 3 ~ 5 مىنۇت ئۇۋۇلاپ بېرىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ كۆيۈك
◇ ئۈششۈك
◇ ئاق كېسەل
◇ تەڭگىسىمان تەمرەتك...
◇ باش تەمرەتكىسى
◇ ھۆل تەمرەتكە
◇ قىچىشقاق
◇ دانىخورەك
◇ بەلۋاغسىمان قوقاق
◇ نېرۋا خاراكتېرلىك ...
◇ چاچراتقۇ
◇ يەلتاشما (ئېشەكيېم...
◇ كۆپ شەكىللىك قىزىل ...
◇ تېرە مۈڭگۈزلىشىش
◇ قىزىل تۇمشۇق كېسەل...
◇ كۆپ تەرلەش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ كۆيۈك
◇ ئۈششۈك
◇ ئاق كېسەل
◇ تەڭگىسىمان تەمرەتكە
◇ باش تەمرەتكىسى
◇ ھۆل تەمرەتكە
◇ قىچىشقاق
◇ دانىخورەك
◇ بەلۋاغسىمان قوقاق
◇ نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316