ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> تېرە كېسەللىكى >> ھۆل تەمرەتكە

ھۆل تەمرەتكە

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:11:01    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئۆتكۈر ئىسسىقلىقنىڭ قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشى، سېسىغان، چىرىگەن، بۇزۇلغان زەھەرلىك ماددىلار ۋە ھەرخىل جاراسىملارنىڭ ئىچكى - تاشقى تەرەپتىن قان خىلىتىغا تەسىر قىلىشىدىن قان خىلىتى بۇزۇلۇپ قان ئايلىنىش جەريانىدا تېرە ۋە توقۇلما ھۈجەيرىلەر ۋە يەرلىك ئورۇننىڭ فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتى بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   كۆپىنچە يۈز، قۇلاق ئارقىسى، بويۇن قاتارلىق ئەزالاردا كۆپ كۆرۈلۈش بىلەن، دەسلەپتە كىچىك مۇدۇر پەيدا بولۇپ، قىزىرىپ قىچىشىش، تاتىلىغاندىن كېيىن مۇدۇرلار بۇزۇلۇپ، سېرىق سۇ چىقىش، بارا - بارا كېڭىيىش، ئاقىۋەتتە يىرىڭلىق چاقىغا ئايلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   شاھتەررە 105 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، ۋاسالغۇ 75 گرام، ھەسەل 4001 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم يەرلىك ئورۇن ياغلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا 5.7 گرام، شاھتەررە 100 گرام، قىزىلگۈل 5.7 گرام، سانا ئالتە گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقىشاھتەررە بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 4 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ كۆيۈك
◇ ئۈششۈك
◇ ئاق كېسەل
◇ تەڭگىسىمان تەمرەتك...
◇ باش تەمرەتكىسى
◇ ھۆل تەمرەتكە
◇ قىچىشقاق
◇ دانىخورەك
◇ بەلۋاغسىمان قوقاق
◇ نېرۋا خاراكتېرلىك ...
◇ چاچراتقۇ
◇ يەلتاشما (ئېشەكيېم...
◇ كۆپ شەكىللىك قىزىل ...
◇ تېرە مۈڭگۈزلىشىش
◇ قىزىل تۇمشۇق كېسەل...
◇ كۆپ تەرلەش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ كۆيۈك
◇ ئۈششۈك
◇ ئاق كېسەل
◇ تەڭگىسىمان تەمرەتكە
◇ باش تەمرەتكىسى
◇ ھۆل تەمرەتكە
◇ قىچىشقاق
◇ دانىخورەك
◇ بەلۋاغسىمان قوقاق
◇ نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316