ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> تېرە كېسەللىكى >> قىچىشقاق

قىچىشقاق

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:10:50    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، قىچىشقاق سالجىسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە بەدەندىكى غەيرىي تەبىئىي سەۋدا سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بارماق ئارىلىقى، يوتا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردا ئۇششاق مۇدۇرلار پەيدا بولۇپ، قاتتىق قىچىشىش، قىچىشىش كېچىسى بەكرەك كۈچىيىپ كېتىش، قاشلاش نەتىجىسىدە تېرە شەلۋەرەپ، سۇلۇق قاپارتقۇ ۋە تېرە زەخىملىرى پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   شاھتەررە 105 گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە 45 گرامدىن، سانا 22 گرام، قىزىلگۈل 15 گرام، ۋاسالغۇ 75 گرام، ھەسەل 1371 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كەرەپشە ئۇرۇقى 10 گرام، تاۋۇز ئۇرۇقى 10 گرام، سېرىقماي 10 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ئۇرۇقلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سېرىقماي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر بىر قېتىم ياتار ۋاقىتتا يەرلىك ئورۇنغا  چېپىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن  ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە تۆت قېتىم سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

كۆيۈك
ئۈششۈك
ئاق كېسەل
تەڭگىسىمان تەمرەتك...
باش تەمرەتكىسى
ھۆل تەمرەتكە
قىچىشقاق
دانىخورەك
بەلۋاغسىمان قوقاق
نېرۋا خاراكتېرلىك ...
چاچراتقۇ
يەلتاشما (ئېشەكيېم...
كۆپ شەكىللىك قىزىل ...
تېرە مۈڭگۈزلىشىش
قىزىل تۇمشۇق كېسەل...
كۆپ تەرلەش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

كۆيۈك
ئۈششۈك
ئاق كېسەل
تەڭگىسىمان تەمرەتكە
باش تەمرەتكىسى
ھۆل تەمرەتكە
قىچىشقاق
دانىخورەك
بەلۋاغسىمان قوقاق
نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316