ئاق كېسەل
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:12:22 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىشى تەسىرىدىن تېرىنىڭ قان ۋە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشى، ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشى، رەڭ پىگمېنتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەبىئىي ھارارەت تۆۋەنلەپ، ھۆللۈك كۆپىيىپ كېتىش شۇنداقلا ھۆل ۋە سوغۇقلۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش نەتىجىسدە، خىلىتلار خام قېلىش، كەم قانلىق، كۆيۈك، ئۈششۈك ۋە مەددە قۇرت قاتارلىق ئىچكى - تاشقى سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى ياكى ئومۇمىي بەدەندە شەكىلسىز ۋە تەرتىپسىز ھالدا تېرىنىڭ نورمال تېرىدىن پەرقلىق ھالدىكى ئاقىرىپ قېلىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
گۈڭگۈر تالقىنى 100 گرام، ياڭاق مېغىزى، سۇ يېغى 50 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
گۈڭگۈرت بىلەن ياڭاق مېغىزىنى سوقۇپ، سۇ يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
ئۈچ كۈندە بىر قېتىم مۇنچىدا يۇيۇنۇپ، قۇرۇلغاندىنكېيىن يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
چايان، ئاق خەربەق ، ھۆل ئېگىر تەڭ مىقداردا، سېركە مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
چايان بىلەن ئاق خەربەقنى سىركىگە بىر ھەپتە چىلاپ، ئۇنىڭغا ھۆل ئېگىرنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
خولىنجان، زەنجىۋىل، دارچىن، گۈلدارچىن، پىلپىل، ئوغرىتىكەن، سۈپۈرگە ئۇرۇقى 100 گرامدىن، جۇۋىنە، شاترەنج ھىندى 25 گرامدىن، سەۋزە ئۇرۇقى 50 گرام، ئاقىرقەرھا، چىڭسەي ئۇرۇقى 25 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىلىدۇ.
|
|