ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> تېرە كېسەللىكى >> باش تەمرەتكىسى

باش تەمرەتكىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:11:24    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بۇزۇلغان بەلغەم خىلىتىنىڭ قانغا ئارىلىشىپ، غەيرىي تەبىئىي قويۇق خىلىت ھاسىل قىلىپ، تېرە ئاستىغا ئولتۇرۇۋېلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ھۆل ۋە قۇرۇق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ھۆل باش تەمرەتكىسى دەسلەپ تېرىگە ئۇششاق يىرىڭلىق مۇدۇر پەيدا بولۇپ، ئەتراپقا تارقىلىپ قىچىشىپ، تاتلاش نەتىجىسىدە ئىچىدىن سېرىق سۇ چىقىپ چاقىغا ئايلىنىپ، سېرىق قاقاچ ھاسىل بولۇش، قاشلاپ قاقاچ ئاجرىتىلسا، تېگىدىن چاشقان سۈيدۈكىدەك پۇرايدىغان سېرىق سۇ چىقىدىغان، قىزىل يارا يۈزى كۆرۈنۈش ئالامىتى بىلەن؛ قۇرۇق باش تەمرەتكىسى باشنىڭ مەلۇم جايىدا چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، ئاق، كېپەكلىشىدىغان قۇرۇق تەمرەتكە پەيدا بولۇپ قىچىشىش، قاشلىغاندا قاسىراق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ۋازېلىن 30 گرام، گۈڭگۈرت 10 گرام، بۇدۇشقاق يوپۇرمىقى بەش گرام، نىشاستە، مامرانچىنى بەش گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ۋازېلىندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋازېلىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كىبرىت 20 گرام، قوي يېغى 60 گرام، قىچا يېغى 20 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قىچا بىلەن كىبرىتنى يۇمشاق سوقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن قوي يېغى بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   ئەھۋالغا قاراپ كۈندە ئۈچ - تۆت ۋاخ سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىق ئوت، ئۈستقۇددۇس، بادام مېغىزى 30 گرامدىن، سېرىق ھېلىلە، تەرەنجىبىن 60 گرامدىن، شاھتەررە، گاۋزىبان، بىستىپايەج، سانا، بادرەنجى بۇيا 15 گرامدىن، غارىقۇن، تۇربۇتتىن ئالتە گرامدىن، سىركە مىللىلىتىر، ئۆچكە سۈتى 250 مىللىلىتىر، شېكە 200 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   سىركە، سۈت، شېكەردىن باشقا سۇدا قاينىتىپ، ئاندىن سۈت، شېكەر ۋە سىركىلەرنى سېلىپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

كۆيۈك
ئۈششۈك
ئاق كېسەل
تەڭگىسىمان تەمرەتك...
باش تەمرەتكىسى
ھۆل تەمرەتكە
قىچىشقاق
دانىخورەك
بەلۋاغسىمان قوقاق
نېرۋا خاراكتېرلىك ...
چاچراتقۇ
يەلتاشما (ئېشەكيېم...
كۆپ شەكىللىك قىزىل ...
تېرە مۈڭگۈزلىشىش
قىزىل تۇمشۇق كېسەل...
كۆپ تەرلەش

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

كۆيۈك
ئۈششۈك
ئاق كېسەل
تەڭگىسىمان تەمرەتكە
باش تەمرەتكىسى
ھۆل تەمرەتكە
قىچىشقاق
دانىخورەك
بەلۋاغسىمان قوقاق
نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ...
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316