تەڭگىسىمان تەمرەتكە
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 20:11:37 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، خىلىتلارنىڭ غەيرىي تەبىئىي بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
دەسلەپ ئۇششاق قىزغۇچ مۇدۇر شەكلىدە پەيدا بولۇپ، مۇدۇرلار بارا - بارا كېڭىيىپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ، تېرىدە چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تەڭگىسىمان ياكى ئۇزۇنچاق، چېگرىسى ئېنىق، قۇرغاق، تېرىدىن كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قاپارتقۇ ھاسىل قىلىپ، تېرە قېلىنلىشىش، تېرە ئۈستىدە بىر قەۋەت نېپىز قاسىراق ھاسىل بولۇش، تاتىلىغاندا قاسىرىقى سويۇلۇپ، ئاستىدىن قان چېكىتلىرى كۆرۈلۈش، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە تەكرارلىنىش، قاتتىق قىچىشىش ۋە بىئارام قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى 15 گرامدىن، شاھتەررە، گۈلى بىنەپشە 21 گرامدىن، سانا 12 گرام، نېلۇپەر، مامرانچىنى ئۈچ گرامدىن، گاۋزىبان، سېرىق ئوت، قىزىلگۈل توققۇز گرامدىن، ئارپىبەدىيان ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، چىڭسەي ئۇرۇقى، بىستىپايەج، ئۈستقۇددۇس ھىندى، پىننە ئالتە گرامدىن، سوقا چىلان 20 گرام، كۆك كاسىنە يوپۇرمىقى 60 گرام، تەرەنجىبىن 90 گرام، پۇنۇس، تەمرى ھىندى 45 گرامدىن، ئەينۇلا 30 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى سۇغا بىر سوتكا چىلاپ، ئەتىسى قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ، مەتبۇخ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا ئومۇمىي دورىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئىچىلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
تەرەنجىبىن، رۇمبەدىيان، ئارپىبەدىيان، مەستىكى، جۇۋىنە، نېلۇپەر، قارىمۇچ، سانا، دارچىن، زەنجىۋىل، بىنەپشە، قارا ھېلىلە، سەبرە سۇقۇترى 75 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
جۇۋىنىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، جۇۋىنىنىڭ تاتلىقى چىقىرىلغان سۇدا خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5 ~ 7 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە 15 گرامدىن، سەبرە سۇقۇترى 21 گرام، سوقمۇنىيا سەككىز گرام، شاھتەررە، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
شاھتەررىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شاھتەررىنىڭ تاتلىقى چىقىرىلغان سۇ بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|