بالىياتقۇ يەللىك ئىششىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:47:42 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بويىدىن ئاجراش، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇ زەخىملىنىش ۋە بالىياتقۇ زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
كېندىك ئاستىدا كۆپۈپ ئاغرىيدىغان ئىششىق بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ئاغرىش يانپاش ۋە مەيدە تەرەپكە تاراش، چېكىپ كۆرگەندە ئاۋاز چىقىش ۋە كۆپ مىقداردا سېسىق پۇراقلىق ئاق خۇن كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
كات ھىندى، قەلەمپۇر، زورەنبات، جويۇز، فۇپەل، مامىرانچىنى 30 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا تەمى چىققۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم ۋاننا قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
زىرە مۇدەببەر ئىككى گرام، قارىمۇچ ئالتە گرام، زەنجىبىن، سۇزاپ يوپۇرمىقى سەككىز گرامدىن، ئاق توغرىغا ئىككى گرام، قېلىن دارچىن، قوۋزاقدارچىن، گۈلدارچىن، سۇمبۇل، ھەببى بىلسان، مەستىكى سەككىز گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
بەدىيان، رۇم بەدىيان، كەرەپشە ئۇرۇقى، سەئتەر، بەرگى سۇزاپ 30 گرامدىن، ھەسەل 120 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 30 گرام دورىنى پاكىز داكىغا ئوراپ جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ. |
|