ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئاياللار كېسەللىكى >> بالىياتقۇ جاراھىتى

بالىياتقۇ جاراھىتى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:46:39    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، جىنسىي يولدىن گۆش يۇيغان سۇدەك سېسىق پۇراقلىق قان كېلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئوغرىتىكەن، قوغۇن ئۇرۇقى، سۆئلەپ 15 گرامدىن، قەنت ئالتە تال، ئاق تۇدەرى، قىزىلگۈل 12 گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   بابۇنە، شۇمشا ئۇرۇقى، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، مۇرمەككى، ئانارگۈلى 30 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇدا قاينىتپ، تېرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يول يۇيۇلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   مامىرانچىنى، كەتىرا، قىزىلگۈل خەمىكى، موزا 20 گرامدىن، گۈل يېغى، 15 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ شامچە تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر  قېتىم، بالىياتقۇ ئاغزىغا قويۇلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ دەھلىز چوڭ بېزى يال...
◇ ئاق خۇن كېسەللىكى
◇ بالىياتقۇ يەللىك ئ...
◇ بالىياتقۇ قاناش
◇ بالىياتقۇ چىقۇقى
◇ بالىياتقۇ بوينى يا...
◇ بالىياتقۇ جاراھىتى
◇ ھەيز قالايمىقانلىش...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ دەھلىز چوڭ بېزى ياللۇغى
◇ ئاق خۇن كېسەللىكى
◇ بالىياتقۇ يەللىك ئىششىق...
◇ بالىياتقۇ قاناش
◇ بالىياتقۇ چىقۇقى
◇ بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
◇ بالىياتقۇ جاراھىتى
◇ ھەيز قالايمىقانلىشىش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316