بالىياتقۇ چىقۇقى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:47:15 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇنىڭ ھۆللۈكى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇسكۇل - پەيلەرنىڭ تۇتۇش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، تۇغۇت جەريانىدىكى نورمالسىزلىقلار تەسىرىدە بالىياتقۇ ۋە داس تۈۋى سېرىقئەتلىرى بوشاپ كېتىش ۋە قورساق ساھەسىگە چۈشكەن ھەرخىل بېسىملار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ئېغىر - يەڭگىللىك دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ، ئېغىرلىرىدا بالىياتقۇ جىنسىي يولدىن ئامۇتتەك چوڭلۇقتا سىرتقا چىقىۋېلىش، ھەتتا چوڭ - كىچىك تەرەت يوللىرىنى توسۇۋېلىش، سۈيدۈك توسۇلۇش، بەل تېلىپ ئاغرىش، ئاق خۇن كۆپ كېلىش، ئاغرىش كۈچلۈك بولۇش، ئىچ كىيىمىگە سۈركىلىپ جاراھەتلىنىش، جاراھەتتىن قان ۋە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئېقىپ تۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
چىلان يەتتە گرام، ئەنگۈر شىپا، قىزىلگۈل توققۇز گرامدىن، گاۋزىبان، قۇرۇق ئۈزۈم، ئاق لەيلىگۈلى، گۈلى بىنەپشە 15 گرام، قارا شېكەر، گۈل يېغى 30 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
قارا شېكەر، گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە قارا شېكەر، گۈل يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەمەلچە ئارقىلىق بالىياتقۇغا قويۇلىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
فۇپەل، موزا، كۈندۇر، ئاقاقىيا، تاباشىر، گىلى ئەرمىنى، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، خەرنۇپ 12 گرامدىن، رەيھان مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
رەيھاندىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، رەيھاننىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن دورىلارنى يۇغۇرۇپ خېمىر تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
مۇۋاپىق مىقداردىكى دورىنى پاكىز داكىغا ئوراپ، بالىياتقۇ ئىچىگە سېلىپ، سىرتىدىن تېڭىپ، 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم دورا يۆتكەپ، 15 كۈنگىچە قوزغالماي ئارام ئېلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
بىنەپشە 11 گرام، چىلان، گاۋزىبان، قىزىلگۈل توققۇز گرامدىن، ئۈزۈم 15 گرام، قارا شېكەر 30 گرام، گۈل يېغى 20 گرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
قارا شېكەر، گۈل يېغىدىن باشقا دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىگە قارا شېكەرنى سېلىپ ئېرىتىپ، ئاندىن گۈل يېغىنى قوشۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم بالىياتقۇ يۇيۇلىدۇ. |
|