بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:46:55 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، قىيىن تۇغۇت، بالا چۈشۈرۈش ياكى قىردۇرۇش جەريانىدا بالىياتقۇ بوينى زەخىملىنىپ يۇقۇملىنىش ۋە چىلە دەۋرىدىكى تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
بالىياتقۇ بوينى شەلۋەرەپ زېدىلىنىش، بالىياتقۇ بوينىغا مونچاق گۆش ئۈنۈپ قېلىش، بالىياتقۇ بوينىغا قان تولۇش، سۇلۇق ئىششىق، خالتىلىق ئىششىقلار شەكىللىنىش نەتىجىسىدە ئاق خۇن كۆپىيىش، قويۇق يىرىڭسىمان بەزىدە قان ئارىلاش ئاق خۇن كېلىش، بەل تېلىپ ئاغرىش، قورساق ئاغرىش، قورساق ئېغىرلاشقاندەك بولۇش، بالىياتقۇ بوينىدا تېرىقسىمان مونەكچىلەر پەيدا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
چۆپچىنى 30 گرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
جىگدە گۈلى، كۆيدۈرۈلگەن زەمچە، ئوسما ئۇرۇقى، كاكىنەچ، ئەنگۈر شىپا، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، گۈل يېغى، بابۇنە يېغى، چايان يېغى 100 گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ياغلاردىن باشقا دورىلارنى سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ياغلار بىلەن ياغلاپ، ئوتتۇرا بارماقچىلىك توملۇقتا شامچە تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم جىنسىي يولغا كىرگۈزۈلىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
كاكىنەچ، ئەنگۈرشىپا، شاھتەررە، گىل ئەرمىنى، بىنەپشە، بابۇنە، بىخ سۇس تەڭ 20 گرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، بالىياتقۇ بوينى يۇيۇلىدۇ. |
|