ھەيز قالايمىقانلىشىش
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:35:11 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇمدان پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ھەيز كۆپ كېلىش، ھەيز بەك ئاز كېلىش، ھەيز بوغۇلۇش (18 ياشقا كىرگەندىمۇ ھەيز كەلمەسلىك)، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش قاتارلىق ھەيزنىڭ نورمالسىزلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
سۇمبۇل 12 گرام، قۇستە شېرىن، قىزىلگۈل، قوۋزاقدارچىن، پىلپىل توققۇز گرامدىن، جىنتىيانا، رۇمبەدىيان، يىلان پوستى ئالتە گرامدىن، زەپەردىن ئىككى گرام، خولىنجان، ئېگىر توققۇز گرامدىن. ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئەنجىبار 100 گرام، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، ئانارگۈلى، فۇپەل 30گرامدىن، شېكەر ئىككى كىلوگرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلاردىن بىر سوتكا سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئاندىن قاينىتىپ، تەمى چىققاندىن كېيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېتىپ، شېكەر بىلەن قىيام تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
سېرىق ئوت، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئۈستقۇددۇس ھىندى، ئۇرۇقسىز قىزىل ئۈزۈم 30 گرامدىن، بىستىپايەج ھىندى 15 گرام، ئاق تۇربۇت 12 گرام، سانا 21 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
ئۈستقۇددۇس، سانا، سېرىق ئوتتىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، 400 مىللىلىتىر سۇغا بىر كۈن چىلاپ، سۇس ئوتتا 200 مىللىلىتىر سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ، سېرىق ئوتنى خالتىغا ئېلىپ، گۈل دورىلارنى بىرگە سېلىپ، ئىككىلا قايناتقاندىن كېيىن ئوتنى توختىتىپ، قازاننى چۈشۈرۈپ، دورا سوۋۇغاندىن كېيىن پاكىز خام بىلەن سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، چىققان سۇيۇقلۇقنى ۋارونكا ئارقىلىق پاكىز سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئۈچ قېتىم، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|