ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> ئاياللار كېسەللىكى >> بالىياتقۇ قاناش

بالىياتقۇ قاناش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 19:47:29    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، بالىياتقۇ مىجەزى بۇزۇلۇش، قان سۇيۇلۇپ كېتىش، ئۇيۇشۇشچانلىقى تۆۋەنلەش، بالىياتقۇنىڭ قۇۋۋىتىنى تەڭشىگۈچى تەبىئىي قۇۋۋەتنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىش، شۇنداقلا بەدەن ئاجىزلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، غەم - قايغۇ، قاتتىق چارچاش قاتارلىق روھىي ئامىللار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   خەلق ئارىسىدا خۇن تەۋرەش، خۇن كېسەللىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىدىن قەرەلسىز خۇن كېلىش، ھەيز كۆرۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش، خۇننىڭ مىقدارى كۆپ بولۇش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، يۈرەك سېلىش، ئىشتىھاسىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئىنچىكە بەل بىلەن تۆۋەنكى قورساق قىسمى تېلىپ ئاغرىش، ئاقىۋىتىدە كەم قانلىق قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 - رېتسېپ   تەركىبى:   چۆپچىنى 30 گرام، بەدىيان، ئامىلە، سېرىق ھېلىلە پوستى، قارا ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى پوستى، جۇۋىنە، شاقاقۇل، جويۇز، بوزىدان، سەۋزە ئۇرۇقى، ئۇد ھىندى، دارچىن، بەسباسە، سۇمبۇل، ئاسارۇن، قەلەمپۇر، سۆرۈنجان مىسىرى، خولىنجان، سۆئدى كۇپى، پىلپىل، زەپەر، كۇندۇر، زەنجىۋىل 10 گرامدىن، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن  ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈندە ئىككى ۋاخ، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن بېرىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   كەھرىۋا 15 گرام، گىلى ئەرمەنى، سەمغى ئەرەبى، خۇنسىياۋشان، تاباشىر، نىشاستە، كەتىرا، ئاقاقىيا، ئانارگۈلى، بىخ مارجان، كۇندۇر، پوستى خەشخاش 10 گرامدىن، ئەنجىبار 15 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، مېۋە قىيامى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا  كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 6 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ).   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   بۇغا مۈڭگۈزى كۈلى 80 گرام، كەھرىۋا 20 گرام، پىل غوزىسىنىڭ كۈلى 15 گرام، فۇپەل، موزا 30 گرامدىن، ئانار پوستى 80 گرام،  ئانار گۈلى 60 گرام، قارا شېكەر 200 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قارا شېكەردىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، قارا شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ئىككى گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

دەھلىز چوڭ بېزى يال...
ئاق خۇن كېسەللىكى
بالىياتقۇ يەللىك ئ...
بالىياتقۇ قاناش
بالىياتقۇ چىقۇقى
بالىياتقۇ بوينى يا...
بالىياتقۇ جاراھىتى
ھەيز قالايمىقانلىش...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

دەھلىز چوڭ بېزى ياللۇغى
ئاق خۇن كېسەللىكى
بالىياتقۇ يەللىك ئىششىق...
بالىياتقۇ قاناش
بالىياتقۇ چىقۇقى
بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى
بالىياتقۇ جاراھىتى
ھەيز قالايمىقانلىشىش
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316