ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> سۆڭەك كېسەللىكى >> سۆڭەك ئۆسمىسى

سۆڭەك ئۆسمىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:46:30    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، زەخىم ۋە باشقا ياللۇغلىنىشلاردىن كېيىن،  چوڭ بوغۇملارنىڭ ھەرە كۆنىكىسىمان قىسمىنىڭ ئۈستىدىكى كۆمۈرچەكنىڭ پولتىيىپ ئۆسۈۋېلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ياخشى سۈپەتلىك ۋە يامان سۈپەتلىك دېگەن ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ،  بەدەننى ئورۇقلىتىش،  ھەرىكەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىش،  ئاغرىش ۋە كۆرۈنەرلىك شەكىل ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قەلەمپۇر 280 گرام،  تۇز 25 گرام،  سۇ 1700 مىللىلىتىر.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى سۇس ئوتتا قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   يەرلىك ئورۇن سىرتىدىن ياغلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   قۇستە 30 گرام،  پىلپىل،  پەرپىيۇن،  ئاقىرقەرھا 12 گرامدىن،  قۇندۇز قەھرى 5.6 گرام،  كونا مۇسەللەس 300 گرام،  زەيتۇن ياكى كۈنجۈت يېغى 150 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   قۇستە،  پىلپىل،  ئاقىرقەرھالارنى چالا سوقۇپ،  مۇسەللەسكە بىر سوتكا چىلاپ،  150 گرام قالغۇچە قاينىتىپ،  سوۋۇغاندىن كېيىن دورا تىرىپلىرىنى سۈزۈۋېلىپ،  كۈنجۈت يېغى ياكى زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ،  مۇسەللەس پارغا ئايلىنىپ، ياغلا قالغۇچە قاينىتىپ،  قۇندۇز قەھرى بىلەن پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ تالقانلاپ،  قازاندىكى ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ،  سوۋۇغاندىن كېيىن سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   سىرتىدىن ئاغرىق جايغا چېپىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   ئېگىر،  سۇمبۇل،  دارچىن بەش گرامدىن،  مۇرمەككى سەككىز گرام،  جويۇز ئۇرۇقى،  دۇرۇنەج ئەقرەبى ئۈچ گرامدىن،  كەرەپشە ئۇرۇقى،  ئادراسمان ئۇرۇقى ئىككى گرامدىن،  ھەسەل دورىلارنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگىچە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئالتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۆڭەك ئۆسمىسى
سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇ...
سوزۇلما خاراكتېرلى...
نىقرەس
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
سۆڭەك سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۆڭەك ئۆسمىسى
سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى
سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغ...
نىقرەس
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
سۆڭەك سىلى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316