ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:39:18 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان، رېماتىزم ۋە باشقا كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ، شۇنداقلا بەدەندىكى ھەرخىل غەيرىي نورمال ئاناتومىيىلىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
ساغرا ۋە پۇتنىڭ ئارقا تەرىپى تۇراقلىق ھالدا ئاغرىش ئالامىتى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 5 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
سانا 40 گرام، سۆرۈنجان، شاترەنج ھىندى 15 گرامدىن، زەپەر ئۈچ گرام، شېكەر تەڭ نىسبەتتە.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقان تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن، قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
ئاچچىقتاۋۇز 75 گرام، تاغ پىيىزى، غارىقۇن، سوقمۇنىيا، قارا خەربەق، ئۇشەق، ئۈسىقۇدىرىيۇن 12 گرامدىن، سېرىق ئوت، مۇقەل، سەبرە سۇقۇترى، كامازىرىيۇس 5.7 گرامدىن، ھاشا (تاغ يالپۇزى)، رۇمبەدىيان، سازەج ھىندى، ياۋا تاغ كۈدىسى ئۇرۇقى، پەرپىيۇن، ھۇماما، زەنجىۋىل، جوئدە، سەلىخە، ئاقمۇچ، جاۋاشىر، قۇندۇز قەھرى، سۇمبۇل، پەتەر ئاساليۇن، ئۇزۇن زىراۋەندە، ئەمەن ئوسارىسى ئالتە گرامدىن، جىنتىيانا، ئۈستقۇددۇس ئۈچ گرامدىن، ھەسەل 840 گرام.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ھاۋاسى ساپ ئورۇندا قىرىق كۈن قويۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يەتتە گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|