ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> سۆڭەك كېسەللىكى >> ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى

ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:40:31    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، سوغۇق ئۆتۈش،  يۇقۇملىنىش، قان ھەم بەلغەم خىلىتى مىجەزىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە تىز،  پاچاق،  ئوشۇق،  جەينەك ۋە بىلەك چوڭ بوغۇملىرىدا،  شۇنداقلا بوغۇملارنىڭ توقۇلما ۋە شىللىق پەردىلىرىدە يۈز بېرىدىغان ياللۇغلىنىشلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   ئۇشتۇمتۇت باشلىنىپ بوغۇملار قىزىرىپ ئاغرىش،  بارا - بارا ئاغرىق كۈچىيىش،  بوغۇملار ئىششىش ۋە ئاخىر بوغۇملار قاتتىقلىشىپ، ھەرىكەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ۋە يۇقىرق قىزىتما قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سەبرە سۇقۇتى،  تۇربۇت 25 گرامدىن،  سېرىق ھېلىلە پوستى،  بوزىدان،  سۆرۈنجان ئالتە گرامدىن،  رۇمبەدىيان،  سوقمۇنىيا ئۈچ گرامدىن،  مۇقەل توققۇز گرام،  كۈدە مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  كۈدىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ  تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا ئالتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن ئازاراقى 18 گرام،  گاۋزىبان گۈلى،  زورەنبات،  ئۈستقۇددۇس،  كەتىرا،  نارجىل،  چىلغوزا،  شاقاقۇل،  لاچىندانە ئالتە گرامدىن،  ئاق سەندەل،  قەلەمپۇر ئۈچ گرامدىن،  ئامىلە،  قارا ھېلىلە 15 گرامدىن،  ھەسەل ئۈچ ھەسسە.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئېرىتىلگەن ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىقچىچەك،  بىنەپشە گۈلى،  بابۇنە،  بۇغداي كېپىكى،  زىغىر،  ئاق لەيلىگۈلى،  شۇمشا 30 گرامدىن،  كۈنجۈت يېغى ۋە سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  سۇدا قايناتقاندىن كېيىن،  كۈنجۈت يېغىنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   قىزىق ھالەتتە يەرلىك ئورۇنغا چېپىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

سۆڭەك ئۆسمىسى
سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇ...
سوزۇلما خاراكتېرلى...
نىقرەس
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
سۆڭەك سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

سۆڭەك ئۆسمىسى
سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى
سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغ...
نىقرەس
ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
سۆڭەك سىلى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316