ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> سۆڭەك كېسەللىكى >> سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش

سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:46:12    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، ئومۇرتقا تەخسىلىرى ۋە چوڭ بوغۇملار ھەمدە تاپان قاتارلىق ئورۇنلاردا ناھايىتى كىچىك كۆمۈرچەكسىمان سۆڭەك ئۆسۈپ چىقىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   نېرۋىلارنىڭ بېسىلىشى تۈپەيلىدىن ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئىزچىل ئاغرىق ۋە ھەرىكەتنىڭ قىيىنلىشىشى قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىق ھېلىلە پوستى،  سەبرە سۇقۇترى،  سۆرۈنجان مىسىرى 20 گرامدىن،  پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گرام،  سانا،  مەستىكى رۇمى،  زەپەر تۆت گرامدىن.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  ئەرەقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا 5 ~ 9 تالدىن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئىستېمال قىلىنىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   سۆرۈنجان،  گۈلى بىنەپشە،  بىستىپايەج،  سېرىق ئوت، بادرەنجى بۇ،  ئىتئۈزۈمى،  شاھتەررە،  قىزىلگۈل 15 گرامدىن،  بوزىدان،  رۇم بەدىيان،  دۇرۇنەج ئەقرەبى سەككىز گرامدىن،  گۈلقەنت 100 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى قايناق سۇغا مەلۇم ۋاقىت چىلاپ، ئاندىن سۈزۈپ،  تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سۆرۈنجان،  گۈل بىنەپشە،  بىستىپايەج،  سېرىق ئوت،  بادرەنجى بۇ،  ئىتئۈزۈمى، شاھتەررە،  قىزىلگۈلنىڭ ھەربىرىدىن سەككىز گرامدىن،  گۈلقەنتتىن 60 گرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى مەلۇم ۋاقىت قايناق سۇغا چىلاپ قويۇپ،  ئاندىن قاينىتىپ،  سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئۈچ قېتىم،  ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سۆڭەك ئۆسمىسى
◇ سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
◇ ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇ...
◇ سوزۇلما خاراكتېرلى...
◇ نىقرەس
◇ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
◇ سۆڭەك سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سۆڭەك ئۆسمىسى
◇ سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
◇ ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى
◇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغ...
◇ نىقرەس
◇ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
◇ سۆڭەك سىلى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316