ئورنىڭىز : تېبابىتىمىز >> سۆڭەك كېسەللىكى >> سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى

سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى

يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:40:15    كۆرۈلۈش سانى : 0  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
  سەۋەبى:   بۇ كېسەللىك، كۆپىنچە ئۆتكۈر بۇغۇم ياللۇغىنىڭ ئاسارىتى سۈپىتىدە ۋە بەزىدە سوغۇق تېگىش،  ناچار مۇھىت،  ئوزۇقلۇق ناچارلىق،  بوغۇملارنىڭ زەخىملىنىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ئالامىتى:   بوغۇملارنىڭ توقۇلمىلىرى قاتتىقلىشىپ،  ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش،  سوغۇق ۋە ھۆلچىلىك كۈنلەردە ھەمدە كېچىسى ئاغرىق كۈچىيىش،  بوغۇملار ئىششىش،  مۇشەك گۆشلەر ئاجىزلىشىش ۋە بەدەن ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.   1 -  رېتسېپ   تەركىبى:   ھەسەل بىر كىلوگرام،  سۇ ئالتە كىلوگرام.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   ھەسەلنى سۇ بىلەن تۆتتىن بىرى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە تۆت قېتىم،  ھەر قېتىمدا 100 ~ 150 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.   2 -  رېتسېپ   تەركىبى:   زەنجىۋىل،  قەلەمپۇر،  دارچىن،  جويۇز،  لاچىندانە،  قارىمۇچ،  پىلپىل،  سىيادان،  ئارپىبەدىيان،  خولىنجان بىر ھەسسىدىن،  مۇدەببەر قىلىنغان كۇچۇلا ھەممە دورا مىقدارى بىلەن تەڭ.ھەسەل جەمئىي دورا مىقدارىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىچىلىك.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ،  ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ،  كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە بىر قېتىم،  ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 گرامدىن ناشتىدا ئىچىلىدۇ (بالىلارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ).   3 - رېتسېپ   تەركىبى:   سېرىقچىچەك ئۇرۇقى،  سۆرۈنجان 10 گرامدىن،  شېكەر 60 گرام،  سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.   تەييارلاش ئۇسۇلى:   شېكەرنى سۇدا قاينىتىپ،  ئۈستىگە دورىلارنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.   ئىشلىتىش مىقدارى:   كۈنىگە ئىككى قېتىم،  ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىلىدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

◇ سۆڭەك ئۆسمىسى
◇ سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
◇ ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇ...
◇ سوزۇلما خاراكتېرلى...
◇ نىقرەس
◇ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئا...
◇ سۆڭەك سىلى

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

◇ سۆڭەك ئۆسمىسى
◇ سۆڭەك ئۆسۈپ قىلىش
◇ ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغى
◇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغ...
◇ نىقرەس
◇ ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقى
◇ سۆڭەك سىلى
ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912552897
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备07002316