نىقرەس
يوللانغان ۋاقتى : 2007-12-30 16:39:58 كۆرۈلۈش سانى : 0
سەۋەبى:
بۇ كېسەللىك، پۇت - قولنى ئۇزۇن ۋاقىت سۇغا تىقىش، پۇت - قول قاتتىق توڭلاپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
پۇت - قول بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرى ياللۇغلىنىش، ئىششىش، بوغۇم جايلاشقان جاينىڭ تېرىلىرى قىزىرىپ قېلىش ۋە قاتتىقلىشىپ ئاغرىش بىلەن ھەرىكەت قىلىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1 - رېتسېپ
تەركىبى:
سېرىق ھېلىلە پوستى، سەبرە سۇقۇترى، سۆرۈنجان مىسىرى 20 گرامدىن، پوستى ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى 32 گرام، سانا، مەستىكى رۇمى، زەپەر تۆت گرامدىن.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەرىقى بەدىيان بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 9 تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2 - رېتسېپ
تەركىبى:
سانا يەتتە گرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 27 گرام، چالا سوقۇلغان بىستىپايەج، شاھتەررە يەتتە گرام، چالا سوقۇلغان كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى ئۈچ گرامدىن، قىزىلگۈل، تۇربۇتتىن يەتتە گرامدىن، 70 گرام تەرەنجىبىن، سۇ ئۈچ لىتىر.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى سۇدا 300 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، تىرىپىنى سۈزۈپ، ئۈستىگە تەرەنجىبىن سېلىپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ.
3 - رېتسېپ
تەركىبى:
سېرىق ھېلىلە پوستىدىن 25 گرام، قارىمۇچ، پىلپىل، زەنجىۋىل، دارچىن، كابۇل ھېلىلىسى پوستىدىن 17 گرامدىن، ئاق لەيلى يىلتىزى پوستى 33 گرام، شاترەنج ھىندى، يۇمىلاق زىراۋەندىدىن 13 گرامدىن، سۆئلەپ مىسىرى 50 گرام، سۆرۈنجان مىسىرى 23 گرام، قاقىلە 10 گرام، چىلغوزا مېغىزى، پىندۇق مېغىزى، ئارپىبەدىياندىن 20 گرامدىن، موزىدىن يەتتە گرام، ھەسەل بىر كىلوگرام، ئۇرۇقىدىن ئاجرىتىلغان قۇرۇق قارا ئۈزۈمدىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى:
دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى:
كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 7 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. |
|