بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> سەنئەتكارىمىز >> ئاتاقلىق  كىنو  ، تىياتىر سەنئەتكارى  سىراجىدىن ئىسرائىل

ئاتاقلىق  كىنو  ، تىياتىر سەنئەتكارى  سىراجىدىن ئىسرائىل

يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-25 16:22:36    كۆرۈلۈش سانى : 231  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
1959 - يىلى شىنجاڭدا  تۇنجى ئىشلىگەن ، ئۇيغۇر  دېھقانلىرىنىڭ كوپىراتسىيىلىشش ، يولغا مېڭىش  جەريانىدىكى قايناق تۇرمۇشى ، ئۆتكۇر ئائىلە زىددىيەتلىرى  ۋە ئىلغارلىق بىلەن قالاقىلىق ، تۇغرا ئىدىيە بىلەن خاتا يول ئۇتتۇرىسىدا كەسكىن كۈرەش  تەسۋىرلەنگەن ھېكايە  فىلىم « بوستانلىقتا تەنتەنە» دە ئەر باش  قەھىرىمان بارات  مۇدىر  ئۇبرازىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن  يارىتىپ  زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە چۇڭقۇر  ھۇرمەتكە  سازاۋەر  بولغان پېشقەدەم ئارتىس  سىراجىدىن ئىسرائىل كېسەل سەۋەبىدىن 1989 - يىلى 11- ئاينىڭ 4 - كۈنى  ۋاپات  بولدى .  لېكىن ، ئۇنىڭ ئېكران ئۇبرازى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىنو ۋە سەھنە سەنىئىتىگە قۇشقان  تۆھپىسى مەڭگۈ يادلىنىدۇ. سىراجىدىن ئىسرائىل 1928 - يىلى 6 - ئايدا غۇلجا ناھىيىسىنىڭ  تۇرپانيۈزى  يېزىىسىدا كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئائىلىسىدىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سەنئەتخۇمار كىشىلەردىن ئىدى ، ئۇنىڭ دادىسى خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتشقا  ، ئانىسى دۇتار چېلىشقا ماھىر بولغاچقا ، بۇ ئائىلىۋى  مۇھىت كىچىك سىراجىدىنغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزقىشىنى قۇزغىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يۇرتىدىكى مەشرەپ ۋە تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشتىياقىنى ، ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ  كۈچەيتتى ئۇ ئۇرغۇپ تورغان قىزىقىش بىلەن سەنئەت يولىغا قەدەم قويۇپ خەلق ناخشىلىرىنى  جاراڭلىق، راۋان ئېيتالايدىغان ، تەمبۇر ، نەي قاتارلىق چالغۇلارنىمۇ چالالايدىغان بولدى. 1947 - يىلى  سىراجىدىن ئىسرائىل« ئىلى تىياتىرى » ئۆمىكىگە شىتاتلىق ئارتىس بولۇپ قوبۇل قىلىنغانىدىن  كېيىن، ئارتىسلىق سەھنە ھاياتىغا رەسمىي قەدەم قويدى ۋە پېشقەدەم ئارتىسلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ،جاپالىق مەشىق قىلىپ ، ناھايىتى تېز ئالغا باستى . 1948 - يىلى « ئىلى تىياتىرى » ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرگەن  «غىرىپ - سەنەم » دارامىسدا غېرىپنىڭ رولنى ئېلىش ۋەزىپىسى سىراجىدىنغا  تاپشۇرۇلدى. دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سىستېمىلىق سەنئەت نەزەرىيىسى تەربىيسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ زادىلا  باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان سىراجىدىن بۇ ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇنداش يولىدا ھارماي- تالماي ئىزدىنىپ ، سەھنە ئەسىرىنى تەكرار ئوقۇپ  ئانالىز قىلىپ ، ناخشىلىرىنى پىششىق يادلاپ  ئىگلەپ ،ئاخىرى غېرىپنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدى، ئۇ بەزىدە بۇ درامىدىكى شاھى ئابباس رولىنىمۇ ئېلىپ ، تاماشىبىلارنىڭ تەرپىدىن يۇقىرى باھاغا  ئېرىشتى. كېيىن ئۇ يەنە « قانلىق  داغ » دارامىسدا  ئەر باش قەھىرىمان ئەيسا ، « پىغانلىق كۈنلەر » ، دارامىسدا  غۇپۇر ، «غۇنچەم » دارامىسدا  نۇرۇم  رولىنى ئۇنىڭدىن باشقا « رابىيە _ سەئىدىن » ، « ئارشىن - مال ئالان » ، « لەيلى - مەجنۇن » قاتارلىق تىياتىرلاردىمۇ ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، تاماشىبىنىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ، ماختىشغا ئېرىشتى . ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ 1952 - يىلدىن باشلاپ خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5- كورپۇس سەنئەت ئۆمىكىدە مۇئاۋىن رېژسسور بولۇپ ئىشلىدى . 1956 - يىلى شىنجاڭ ناخشا -ئۇسسۇل ، دراما -تىياتىر ئۆمىكىگە يۆتكەپ كېلىندى . كېيىنكى  مەزگىلدە ئۇ « يالغۇز قىز »،  «غۇنچەم »  ، « گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يۇق » ، «قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە »، « ئاۋغۇست بورانلىرى» ، «كۈرەش  يولى » ، « غېرىپ - سەنەم » ، « يالقۇنتاغ  غەزىپى » قاتارلىق  دراما ئۇپېرالاردا ئاساسلىق ۋە قۇشۇمچە روللارنى  ئېلىپ تاماشىبىنىلاردا  چۇڭقۇر تەسىر  قالدۇردى . سىراجىدىن ئىسرائىل ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۇرۈلگەن  تۇنجى ھېكايە فىلىم  « بوستانلىقتا تەنتەنە»دە رول ئېلىش بىلەن ئېكرانغا قەدەم  باسقان بولۇپ ، فىلىمدىكى ئالىي  كوپىراتسىيىە مۇدىر باراتنىڭ رولنى ۋايىغا يەتكۈرۈپ يارىتىش كەڭ كىنو  تاماشىبىلارنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغاندى . سىراجىدىن ئىسرائىل سەھنە -ئېكران ھاياتى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغاندىن سىرت ، ئۇ ناخشا - مۇزىكا  ئىجادىيەت  ياراتقان . ئۇ سەنئەت ھاياتىدا « تاۋلىنىپ جەڭلەر ئارا» ، « ھاجەت » ، « گۈزەل ئىلى باغلىرى » ، « ۋەتىنىم» ، « سۆيۇملۇك  جۇزڭلى » ، « يېرىمىز  گۈزەل گۈلشەن » ،  «قەدىردان ئاتا- ئانا »، «ئەلنىڭ نىجات  يۇلتۇزى »قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن  ناخشا ئىشلىگەن. سىراجىدىن ئىسرائىل ھايات  ۋاقتىدە جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى . ئۇنىڭ مىللىي  سەنئىتىمىز ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ  گۈللىنىشى  ئۈچۈن قۇشقان تۆھپىسى ئەبەىلئەبەد ئۇنتۇلمايدۇ.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋ...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كى...
●  كىنو تەرجىمە سېپىد...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر ...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىب...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىي...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىن...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىن...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چو...
●  كىنو تەرجىمە سېپىدىكى ت...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر قەلب...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىبك كىن...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى