بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> سەنئەتكارىمىز >> تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى _ خالىقجان ياقۇپ

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى _ خالىقجان ياقۇپ

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:51:07    كۆرۈلۈش سانى : 2887  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى _ خالىقجان  ياقۇپ
   ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرىك ئوغلانى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو ئۇپېراتورى  خالىقجان  ياقۇپ 1999 - يىلى 19 - ئاپرېل  كېچە سائەت 12 دە  يۈرەك كېسىلى ئۇشۇمتۇت قۇزغىلىپ 68 يىشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ ۋاپاتى شۇنداق تۇيۇقسىز بولدىكى ، ئۇنىڭ رەپىقىسى ، پەرزەنتلىرى ، ئۇرۇق -تۇغقانلىرى ،كەسىپداشلىرى ، ئەل - ئاغىنىلىرى بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتتى ،يۇرەكلىرى  ھەسرەتتىن پارا -پارا بولدى .
   ئۇ ھايات ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي  مەسلىھەت كېڭىشى 4 - ، 5 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ،6 - ، 7 - نۆۋەتلىك  كومىتېتىنىڭ دائىمىي  ئەزاسى ،  7 - نۆۋەتلىك كومىتېت مائارىپ ، پەن - مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ كىنو چىلا جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي  ئەزاسى ، مەملىكەتلىك  ئالىي دەرىجىلىك كىنو  ئوپېراتورى بولۇپ ،ئۇنىڭ تەرجىمىھالى « جۇڭگو مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قامۇسى » غا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
   خالىقجان ياقۇپ 1931 يىلى 21 - نويابىر  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ 1938 - يىلىدىن 1945 يىلغىچە ئۈرۈمچى 6 - باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان،ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1951 - يىلى 11- ئايغىچە ئائىلىسدە بولغان ئۇ تۇغۇلغان  مەزگىلدە  كىنو شىنجاڭغا كىرگىنىگە خېلى يىللار بولغان بولۇپ ،سابىق سوۋېت  ئىتتىپاقىدا ئىشلىگەن بىر قېسىم نادىر فىلىملەر ئۈرۈمچىدە قۇيۇلۇپ گۈللىنۋاتقان شىنجاڭ  ناخشا - ئۇسسۇل ،تىياتىرچىلىقى بىلەن يۇغۇرلۇپ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ مەنىۋى  تۇرمۇشىدىكى بىر ئوزۇققا ئايلانغان ئىدى. ئۈرۈمچى كىنوخانىلىردا يېڭىدىن - يېڭى قويۇلۇپ تۇرغان، كۈچلۈك ئىنساني مۇھەببەت  ھەم ئىس - تۈتەك قاپلىغان،توپ  ئورقلىرى گۈلدۈرلەپ  تۇرغان جەڭگاھ  گەۋدىلەنگەن فىلىملەر ۋە خىيالى چۆچەك فىلىملىرى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىدە ئاجايىپ بىر خىل  تۇيغۇ ،قىزىقىش پەيدا قىلدى . 1951 - يىل 11 - ئايدا خالىقجان كۆپ يىللادىن  بۇيان ئۆز كۆڭلىدە بىخىلىنىپ  كېلۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدى بېيجىڭغا بېرىپ كىنو مەكتىپىدە ئۇقۇماقچى بولدى . لېكىن كىنو كەسپىدە مەخسۇس ئۇقۇيدىغان مەكتەپ بولمغاچقا 12 - ئايدا بېيجڭ كىنو ستۇدىيسىگە ئورۇنلىشىپ ئوپېرتور شاگىرت بولۇپ ئىشلەشكە باشلدى .ئۇ يەر ئىلىمزنىڭ  بىر تۈكۈم  ئاتاقلىق كىنو ئارتىسلار بىلەن تۇنۇشۇپ ،ئۇزىنىڭ كەسپىي جەھەتتىكى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . بۇ جەريانىدا  بالىلار ھېكايە فىلىمى « كېچىك ئاق توشقان » ، ھېكايە فىلىم « خۇاشەننىڭ ئېلىنىشى » قاتارلىق فىلىملەرنى  سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىدا ،ئۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ، رۇمىنيە،ۋېنگىرىيە ، چېخسىلوۋاكىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ بېيجڭدا ئورۇندىغان كونسېر نومۇرلىرى نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىلىرىدا ئىشلىدى .بۇجەرياندا ئۇ كىنو ساھەسىدىكى پېشقەدەم  ئوپېراتورلادىن نې جىڭ  ،گاۋ خۇڭتاڭ، ۋاڭ چىمى ،قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ،كەمتەرلىك بىلەن كىنو ئوپېراتورلۇق بىلىملىرىنى سىستېمىلىق  ھالدا  تىرىشىپ ئۆگىنىپ ،كىنو  ئوپېراتورلۇق خىزمىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنش ئۈچۈن ياخشى كەسپى ئاساس  سالدى . 1953 - يىلى بېيجڭ كىنو ستۇدىيىسى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن « بېيجڭ كىنو ستۇدىيىسى » ۋە « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» دەپ ئىككىگە ستۇدىيىگە ئايرىلدى . خالىقجان  « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» گە تەقسىم قىلىنىپ  1953 - يىلى 10 - ئايد بۇ ستۇدىيىنىڭ شىنجاڭ تۇتۇشلۇق ئوپېراتورلار پونكىتىغا يۆتكەلدى . 1955 - يىلى « مەركىزى يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسى» ئۇيۇشتۇرغان كەسپىي  ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي  ئوپېراتورلۇق كىنىشكىسىنى  قولغا ئېلىپ مۇستەقىل فىلىم سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ خەۋەر فىلىملىرنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ  گۈزەل تاغ - دەريالىرنى ،خەلقىمىزنىڭ رەڭدار ،باياشات تۇرمۇش  كارتىنىلىرىنى ،دۆلىتىمىزنىڭ ،بولۇپمۇ شىنجاڭ يېرا ئىگىلىك ، سودا -سانائەت ،قاتناش ،مەدەنىيەت - مائارىپ ، سەھىيە ، پەن - تېخنىكا ،سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ،شۇنداقلا سوتسىيالىزم قۇرۇش كۈرەشلىردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ،مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ۋاقتى  -  ۋاقتىدا كىنو  ئېكرانلىردا ھەر مىللەت  خەلقىگە تونۇشۇرۇش داۋامىدا  پەيدىنپەي يېڭى خەۋەر فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىشنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى  كۆرۇپ قالدى .
   1958 - يىلىنىڭ ئاخىرى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تەييارلىق باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ( ئەينى يىللاردا شىنجاڭ كىنو  ستۇدىيىسى دەپ ئاتىلاتتى )رەسمىي قۇرۇلدى. ئانا يۇرتىنىڭ كىنوچىلقى  ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىستىكىدە نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلارنى دىلىغا پۈككەن خالىقجان ياقۇپ شۇ يىلىلا  تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە ئالمىشىپ كېلىپ ، ئوپېراتورلۇق ھاتاتىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
    1962 - يىلى ئۈچ يىللىق تەبىئىي  ئاپەت  ۋە خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش  يۈزىسىدىن  تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ ھېكايە  فىلىم ئىشلەش ۋەزىپىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى . خالىقجان قايتىدىن  بېيجىڭغا  _ مەركىزىي يېڭى خەۋەر،  ھۆججەتلىك فىلىم ستۇدىيىسىگە يۆتكەپ كېتىلدى ۋە شۇ يىلى بۇ ستۇدىيىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇخبىرلىق  پونكىتىغا تەقسىم قىلىندى. 1976 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسى قايتىدىن ھېكايە فىلىم ۋە يېڭى خەۋەر ،   ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان بولغاندا ،خالىقجان يەنە بىر قېتىم تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ تاكى ۋاپات بولغانغا  قەدەر بۇ ستۇدىيىدە ئىشلەپ ،شىنجاڭ كىنو ئىشلىرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەتتى ،خالىقجان ياقۇپ كىنو ساھەسىدە ئاساسەن ئاز بولمىغان يېڭى خەۋەر ، ھۆججەتلىك فىلىم ، ئىلىمي تەربىيىۋى فىلىم ، ھېكايە فىلىملەرنى ئىشلىدى . جىزمەت ئورنىدا ئۇدا بىر قانچە قېتىم ئالمىشىش بولغان بولسىمۇ قىلچە  ۋايسىمىدى .
   سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ  قىممىتى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارتىشتا . بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ  يەتكەن خالىقجان ھەر قېتىملىق ئوپېرتورلۇق ئىجادىيىتىدە ئەستايىدىل بولۇپ ،قېتىر قىنىپ  ئىز دىنىپ ، ھەر بىر فىلىمنى سۈرتكە ئالغاندا ئىنچىكىلەپ لاھىيە تۈزدى. ئۇ تۇرمۇشنى ، بەلگىلەنگەن سيۇژىت مەنزىزىسىنى ، پېرسوناژنى ،رىتىم ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ، بەدىئىي فىلىم ۋە ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئۇنىۋېرسال ئۇسۇلدا سۈرەتكە ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ  ،ئۇسلۇب جەھەتتە بىرلىككە  كەلتۈرۈشنى ئورۇندىدى،ئۇ ئىلگىر - كېيىن بولۇپ « 1955 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكىلەش »، « شانلىق 10 يىل  _ دۆلەت بايرىمىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش » ، « مېۋىلەر كانى شىنجاڭ »، « كوممۇنا گۈللىرى»، « فېئۇداللىق ھۆكۈم سۈرگەن يېزا »، « چېگرا رايونغا  ياردەم بېرىشقا كەلگەن ياشلارنى قارشى ئېلىش »، « بەنچەن ئېردەنى شىنجاڭدا »، « ئۈرۈمچىگە تۈنجى پويېز كەلدى »، « يەكەن دەرياسىدىكى ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى »، « ئىلى يېزىلىردا » ، «ئۈرۈمچى كورلا تاشيولىنىڭ ياسىلىشى»، « ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلۋاتقان شىنجاڭ » ، «قاغىلىقتا نېفىت چىقتى»  قاتارلىق 60 چاس خەۋەر فىلىم ،70 چاسقا يېقىن ھۆججەتلىك فىلىم ، 10چاستىن ئارتۇق ماتېرىيال فىلىم ،ئىلمىي  تەربىيىۋى فىلىمنى سۈرەتكە ئالدى.
   خالىقجان سۈرەتكە ئالغان ،ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرى ،كۆركەم مەنزىرىلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بەزى فىلىملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى  ئۆزگىچە ، كۆرۈنۈشلىرى شېئىرىي  تۇيغۇغا باي بولۇپ ، ئۇنىڭغا خالىقجانىڭ ۋەتەننىڭ ھەربىر گىياھ ،تاغ -دەريالىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سىڭدۈرۈلگەن.
   تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى 1979 - يىلى ھېكايە فىلىم ئىشلەشنى رەسمىي  ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن  كېيىن ،پېشقەدەم ئوپېرتۇر خالىقجان ئىلگرى - كېيىن  بولۇپ « يايلاقتىكى مىلتىق ئاۋازى »، « بەخت ناخشىسى »، « رەنانىڭ تويى» ، «يىراق يېزىغا مۇھەببەت »، « تىنچسىز  قۇمباغ »قاتارلىق ھېكايە فىلىملەرنى مۇستەقىل سۈرەتكە ئالدى، كۆمېدىيىلىك ھېكايە فىلىم « بويتاقلار ئائىلىسى »نىڭ ئوپېرتور مەسلىھەتچىلىكىنى ئۇتىدى. ئۇ سۈرەتكە ئالغان فىلىملەر  ھەر مىللەت خەلقنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . بولۇپمۇ  « رەنانىڭ تويى»،« بەخت ناخشىسى » قاتارلىق ئىككى فىلىم  مەملىكەت ئىچى ۋە  سىرتىدا قويۇلۇپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى ، بۇ فىلىملەرنىڭ ئىجتىمائىي  ئۈنۈمىمۈ، ئىقتىسادى ئۈنۈمىمۈ كۆرۈنەرلىك بولدى.
   ئۇزۇن يىللىق ئوپېرتورلۇق خىزمىتى داۋامىدا خالىقجان سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنى ئۈزلۈكسىز  مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، فىلىملەرنى سۈرەتكە ئېلىش داۋامىدا فىلىمنىڭ كۆرۈنۈش
تەلىپىگە ئاساسەن قۇرۇلما ۋە نۇرنى بىر ياقىلىق قىلىش جەھەتتە ،چىنلىق بىلەن يالغاننى بىرلەشتۈرۈش  جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ،كۆرۈنۈش ئىچى ۋە سىرتىدىكى  مەنزىرىنى چىراغدىكى نۇر ، رەڭدار نۇرلارنى ، كۆلەڭگىنىڭ موناسىۋىتىنى ئەتراپلىق بىر ياقلىق قىلىپلا قالماي  ،يەنە نۇر دېغى، يورۇقلۇقنى تەڭشەپ يورۇقلۇق  بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش
سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسى  مۇۋاپىق ،يۈرەكلىك ھالدا ئۆزگەرتىپ  فىلىمنىڭ بەدىئىيلىكنى ،ئېكىران ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھىپە قوشتى . ئۇ 40 نەچچە يىللىق ئوپېرتورلۇق  ھاياتىدا ياش ئوپېرتورلارنى تەربىيىلەشكە  ،يېتەكلەشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى . ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىل ئوپېرتورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش جەرياندا توپلىغان قىممەتلىك  تەجىربىلىرىنى قىلچىمۇ ئايىماي ئۇلارغا ئۆگەتتى ،ئۇنىڭ شاگىرتىنىڭ كۆپ قىسىمى ھازىر مۇستەقىل فىلىم سۈرەتكە ئالالايدىغان بولدى .
   خالىقجان ياقۇپ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، دائىمىي ئەزاسى تۇرغان مەزگىللەردە كۆپ قېتىم شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ،ئۇنى مەملىكەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش ، پارتىيىنىڭ مىللىي كىنوچىلىققا ئېتىبار بېرىش  سىياسىتىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ پىكىرلىرىنى ، تەكلىپلىرنى بېرىپ ، ئەزالىق  ھۇقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزگەن ئىدى.
   خالىقجانىڭ ۋاپاتى  شىنجاڭنىڭ كىنوچىلىق  ئىشلىرى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش ، ئۇنىڭ تۆھپىسى  ئۇ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان كىنو فىلملەر بىلەن مەڭگۈ تارىخ بېتىدە ۋە خەلق قەلبىدە ساقلىنىدۇ. 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋ...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كى...
●  كىنو تەرجىمە سېپىد...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر ...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىب...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىي...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىن...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىن...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چو...
●  كىنو تەرجىمە سېپىدىكى ت...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر قەلب...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىبك كىن...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى