بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> سەنئەتكارىمىز >> خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتىس _ ئايشەم كېرىم

خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتىس _ ئايشەم كېرىم

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:52:53    كۆرۈلۈش سانى : 2524  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتىس _ ئايشەم كېرىم
1998 - يىلى 9 -ئاينىڭ 8 - كۈنى ئۇزىنىڭ يېرىم ئەسىر ھاياتىنى ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ، درامىچىلىقى ۋە ناخشا ئۇسسۇل ، مۇقام تەتقىقاتى ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلاپ ، سەھنە ۋە ئېكراندا ئۆز تالانتىنى نامايەن قىلىپ مىليۇنلىغان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان 50 - يىللارنىڭ بېشدا سەھنە ھاياتىنى ، 1959 - يىلى  تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ( ئەينى يىللادا  شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى دەپ ئاتالغان ) بىلەن شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن، ئۇيغۇر تۇرمۇش تېما ،ئالىي  كوپىراتسىيىلىشش دەۋردىكى ۋەقەلەر سيۇژىت قىلىنغان تۇنجى ھېكايە فىلىم «بوستانلىقتا  تەنتەنە » دە ئايال باش قەھرىمان  ئايىمخان مۇدىر ئوبرازىنى ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىش بىلەن تونجى ئېكران ھاياتىنى باشلىغان ئاتاقلىق كىنو ۋە تىياتىر سەنئەتكارى ،مۇقامچى ، مەملىكەتلىك 1 - دەرىجىلىك ئارتىس ئايشەم كېرىمنىڭ يۈرىكى سوقۇشتن توختىدى . 50 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا تۇنجى قېىتىم چاقنىغان ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى ئۈچۈن  تۇنجى  ئاساس سالغان چولپاننىڭ ۋاپاتى شىنجاڭ كىنوچىلىقى، تىياتىر چىلىق ئۈچۈن زور  يۇقىتىش بولدى .
   ئايشەم كېرىم 1931 - يىل 10 - ئايدا « نەشپۈت يۇرتى » كورلىنىڭ توۋۇرچى  يېزىسى ئەللىك كەتمەن  كەنىتىدە سەنئەتخۇمار  كەمبەغەل ئائىلىسىدە  دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ناھىيىدىن يىراق بۇ جايدا ئۇنىڭ دادىسى ئۇزىنىڭ سازەندىلىكتىكى ئۆزگىچە ماھارىتى ئارقىلىق خەلققە مەنىۋى ئۇزۇق بەخىش ئېتىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ دادىسى داپ ،غېجەك چېلىشقا ،ئانىسى دۇتار چېلىش، ناخشا ئېيتىشقا  ماھىر بولغاچقا ، بۇنداق ئائىلە مۇھىتى گۆدەك  ئايشەم كېرىمنىڭ قەلبىدە سەنئەتكە بولغان ئىشتىياق، ئىنتىلىشى  كىچىكىدىنلا بىخلاندۇرغانىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ 5 - 6 ياشلارغا كىرمەيلا دادىسى ياساپ بەرگەن داپ ۋە غېجەكنى تەمتىرىمەي  چالالايدىغان بولدى .ئانىسى دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا ، ئۇ يۇمران قۇللىرى بىلەن قاس چىقىرىپ زۇق شۇخ بىلەن ئۇسسۇل ئۇينايتتى . ناھىيىدىن  يىراق ئەللىك كەتمەن  كەنىتىدە ئاخشىمى ئېتىز -ئېرىق  ئىشلىردىن ھاردۇق يېتىپ قايتىپ كەلگەن دېھقانلار ئۈچۈن كەچلىك مەشرەپ -ئەلنەغمە سورۇنلىرى  ھاردۇق  چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ،سەنئەتخۇمارلار  ئۈچۈن ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان سەھنە ئىدى . ئۆز مەھەللىسى ۋە قوشنا مەھەللىلەردىكى  توي -تۆكۈن  مەشرەپ سورۇنلىرى دادىسىنىڭ باشلىشى بىلەن كېچىك ئايشەم كۆزى ئىچىلدى . ئۇنىڭ سەنئەتكە بولغان ئىنتىلىشىنى  تېخىمۇ كۈچەيتتى . ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ، نەپىس ئۇسسۇل ھەرىكىتى ،يېقىن - يىراقتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. كېچىك ئايشەم ئۆز كەنتىدە باشلانغۇچ مەكتەپكە  كىرگەندىن كېيىن ،مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرگە قاتنىشىپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۇسسۇل ئۇيناپ ، ئۆزىنىڭ سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلىپ كەلگۈسى  پارلاق ئىستىقبالىدىن بېشارەت بەردى . باشلانغۇچ مەكتەپ ھاياتىدا  ئۇ سەھىنىدە ئېيتقان« يېتىم قىز » ناخشىسى ئۇنىڭدىن ئۆزگىچە تالانتنى نامايەن  قىلدى. ،قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇنىڭ روھىغا ئىلىھام بەردى ،بىراق يوقسۇللۇق،كونا ئۆرۇپ - ئادەت  تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي ،ئۇزۇنغا قالماي تۇرمۇشلۇق بولۇپ ، ئائىلە خىزمىتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى، بەختىگە  يارىشا ، ئۇنىڭ يولدىشى ئابدۇكېرىم ئەبەيدۇللا ئوقۇمۇشلۇق  زىيالى ،بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق- سوغۇق ئۆتكەن ، سەنئەتنى چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى.
   ئازادلىقتىن كېيىن ئۇ يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى يۆتكىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى ۋە شۇ يىلىلار يولدىشىنىڭ قىزغىن مەدەت بېرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالغا ئىنتىلىش ئارزۇسىنى قەلبىگە پۈكۈپ ،سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىگە ئوقۇشقا كىردى. بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىدە تەشكىلەنگەن سەنئەت ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىنى  ياش ئايشەم كېرىمنىڭ سەھنە ھاياتنى باشلاش ،تالانتىنى نامايەن قىلىشنىڭ  مۇقەددىمىسىنى ئاچتى . ئۇ كادىرلار  مەكتىپى سەھىنلىردىمۇ تاماشىبنىلارنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. ئۇنىڭ نەپىس ،جازىبىلىك ئۇسسۇللىرى .جاراڭلىق ئاۋازدا ئېيتقان  ناخشىلىرى بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ،رەھبەرلەرنىڭ يۇقىرى باھاسغا ئېرىشتى ،ئۇ سەھنىلەردە پارتىينى ،ئازاد يېڭى زاماننى كۈيلەيدىغان،يەر ئىسلاھاتىنى تەشۋىق  قىلدىغان مەزمۇنلاردىكى ناخشا -ئۇسسۇللارنى ئۇرۇنلىدى ،ئۆمەك تەركىبدە ئۆز يۇرتى  كورلىغا بېرىپ ئېجارە ھەققىنى كېمەيتىش ۋە يەر ئىسلاھاتى  ھەرىكىتىگە قاتناشتى . ئۇ كورلىدىن بيۇرو كادىرلار  مەكتىپىگە  يېنىپ كەلگەندىن كېيىن 1952 - يىلى كادىرلار مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكىدىكى بارىلىق  خادىملار بىرقلا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ناخشا -ئۇسسۇل ئۆمىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى . ئايشەم كېرىم شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمەكتە ناخشىچى ۋە ئۇسسۇلچى،بولۇپ سەنئەت ھاياتىنى رەسمىي باشلىدى. ئارتىسلىق ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ ئۆزىنىڭ  جاراڭلىق ،يېقىملىق،تەبىئىي  ئاۋازى بىلەن « پارتىيگە مەد ھىيە »، « گۈل قىسقان مېنىڭ يايرىم » ، « قادىر مەۋلان » ،« ئالتۇن بىلەن رەنا » ، «دا ھىي ماۋزېدۇڭ »، «تاڭ ئاتقاندا» ،« ئۇلۇغ پارتىيەم»، « ئانا ئارزۇسى »،«ئالتۇنجان »،« ئاشنالىرى زەگەرمىكىن»، « ئاللا يارەي» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ناخشىلاردىن باشقا ،يەنە خەنزۇچە، ئۆزبېكچە ،قازاقچە ،تاجىكچە ناخشلارنىمۇ  ۋايىغايەتكۈزۈپ  ئېيتىپ، ھەرمىللەت تاماشىبنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا  ،دىققىتىگە  سازاۋەر بۇلدى، ئۇ يەنە شۇ مەزگىلدە تۈنجى قېتىم «توي ئۈستىگە توي » ناملىق درامىدا تۇنساخان موماينىڭ رولىنى  مۇۋەپپەقىيەتلىك  ئويناپ چىقىپ، ئۇزىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان سەنئەت تالانتىنى نامايەن قىلدۇ . ،بو دراما مەملىكەتلىك تىياتىر كۆرىكىگە قاتناشتۇرلۇپ مۇكاپاتلاندى .
   1955 - سابىق شىنجاڭ ئۆلكىسى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنغا ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى  رەسمىي قۇرۇلدى شىنجاڭدا كىنو سىتودىيسى  قۇرۇش توغرىسىدىكى ئوي - پىكىر لەر شۇ يىلىنىڭ ئاخىردا  غۇلغۇلا قىلنىشقا باشلىدى. 1956 -يىلى شىنجاڭ كىنو سىتودىيسى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى رەسمىي باشلىنىپ كەتتى .  شىنجاڭدا بۇ يېڭى شەيئى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت خادىملىرى ئاپىرىدە قىلش كېرەك ئىدى. بۇ ئىشقا
ئاپتونۇم رايۇنىلۇق مەدەنىيەت نازارىتى كونكىرىت مەسئۇل بولدى، 1956 - يىلى ئۈرۈمچى ئاپتونۇم رايۇن بويىچە كىنو ئارتىسلىرىنى يېتشتۇرۇپ، تەربىيلەش سىنىپى ئېچىلىپ ،بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار بۇ سىنىپقا ئۇقۇشقا كىردى ،ئايشەم كېرەممۇ  بۇ قىممەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشىپ ، ئۇزىنىڭ كەسپى ماھارىتىنى  ئۆستۇرۇشكە،كەلگۈسى ئىجادىيەتلىرى ئۈچۈن يول  ئېچىشقا  پۇختا ئاساس سالدى .سەنئەت ئىشلىرنىڭ  ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،ئۇ كۆپلىگەن دراما ،ئوپېرلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق رول ئېلىپ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازاندى.
ئايشەم كېرىم 50 - يىللاردىن تارتىپ 1980 - يىلغىچە ئىلگىر- كېيىن بۇلوپ «غۇنچەم» درامىسىدا غۇنچەم، كېيىنكى مەزگىلدە شۇ ناملىق درامىدا زومىگەر  پومېشچىك ئۇمەر شاڭيۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنى شەرۋانىغان  ،«غىرىپ - سەنەم » ئوپېراسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلىردا سەنەم ، كېيىنكى مەزگىلدە غېرىپنىڭ ئانىسى مېھرىبانۇ، «ئارشىن- مال ئالان» ئوپېرسىدا باش پېرسوناژ گۈلچېھرە،
«يالقۇنتاغ  غەزىپى» ئوپېراسىدا دەسلەپكى باش قەھىرىمان،قۇزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبىرى ئەمەتنىڭ سۈيگونى ئايىمگول،« قىزىل بايراق لەپىلدىمىكتە» درامىسىدا خەلچىغان، «كۈرەش يولى» ئوپېراسىدا ئانا ،خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۇرۇپ  ئوينىغان ئوپېرا «قىزىل چىراق» دا موماي قاتارلىق كۆپلىگەن پېرسوناژلارنىڭ رولنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇنداپ كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى.
  ئايشەم كېرىم 1958 - يىلى يولدىشىنىڭ خىزمىتىنىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىشى بىلەن  بېيجىڭغا  يۆتكىلىپ بېرىپ مەركىزى مىللەتلەر ناخشا -ئۇسسۇل ئىشلەپ، ئاتاقلىق ناخشىچى ۋاڭ كۈندىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتىنى ئۆگەندى.
   1959 - يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيسى رەسمىي قۇرلۇپ ،  تۈنجى بولۇپ ،شاڭخەي كىنو سىتودىيسى بىلەب بىرلىشىپ ،« بوستانلىقتا تەنتەنە» ناملىق  ھېكايە فىلىمنى ئىشلەش تەييارلىقىنى باشلۋەتتى . بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىق مەرىكىسىگە ئاتىغان سوۋغا ئىدى . بۇ فىلىمنىڭ ئارتىسلىرنى ،بۇلۇپمۇ باش رۇلدىكى ئارتىسلارنى تاللاش تولىمۇ ئىنچكە،جاپالىق خىزمەت ئىدى. فىلىمنىڭ رېژسسورى ۋە خىزمەتچىلىرى  ئاپتونوم رايۇنىمىزدا نۇرغۇن ئارتىسلارنى تاللاپ باقتى. ئەڭ ئاخىردا باشقىلارنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن،شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ،تىياتىرچىلىقى  ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنگەن.شۇ ۋاقىتتا بېيجىڭدا ئىشلاۋاتقان ئايشەم كېرىم بۇ كىنۇنىڭ ئايال  باش قەھىرىمان ئايىمخان مۇدىرنىڭ رولىنى ئېلىشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات  دەپ بېكىتىلدى ۋە مۇشۇ فىلىم ئىشلەش ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭغا تەكلىپ قىلىندى ،بۇ ئايشەم كېرىمنىڭ تۇنجى ئېكران قەدىمى بولۇپ ،ئۇنىڭ كېيىنكى ئېكران ھاياتى ئۈچۈن داغدام يول ئىچىپ بەردى .
   ئايشەم كېرىم « بوستانلىقتا تەنتەنە»نىڭ سېنارىيسىنى قۇلغا ئالغاندىن كېيىن بۇ سېنارىيىنى تەكرا -تەكرا ئۇقۇپ ،ئايىمخان ئۇبرازىنى چۇڭقۇر تەھلىل قىلدى . ئۇ تۇرپانغا تۇرمۇش ئۆگىنىش بارغان پۇرسەتتىن پايدىلىنپ، ئايىمخانىڭ ئەسىلي پروتوتىينى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى . ئايىمخانىڭ مىجەز -خۇلۇقىنى ، ئىچكى ھېسسىياتىنى يارقىن يارىتىپ بېرىش يولدا ھارماي- تالماي ئىزدەندى ۋەئاخىرى  جاسارەتلىك،باتۇر ، قەيسەر ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ تىپىك ۋەكلى ئايىمخاننىڭ شانلىق ئوبرازىنى ئېكراند نامايەن قىلىپ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ  يۈكسەك دەرىجىدە  ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى . ئۇنىڭ نامى مەملىكەت ئىچى سىرتىغا تونۇلدى . ئۇ قەيەرگە بارسا خەلق ئۇنى يېقىملىق ھالدا « ئايىمخان » دەپ  چاقىردىغان ،ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئېكران ئوبرازى يارىتىش  ماھارىتىگە ئاپىرىن  ئېيتىدىغان بولدى . بۇ فىلىم تۇرمۇش  پۇرىقىنىڭ قويۇقلىقى ،بەدىئىيلىكىنىك يۇقىرىلىقى ،ۋەقەلىكلىرىنىڭ چىنلىقى ،ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى ۋايىغا يەتكەنلىكىنى بىلەن ئەينى يىللاردا  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جاي -جايلىرنى زىلزىلىگە سالغان بولۇپ ،ھازىرغىچە  كېشلەرنىڭ ئىغېزدىن چۇشمەي كەلمەكتە.
ئايشەم كېرىم شۇنىڭدندىن كېيىن يەنە «يىراقتىكى  ئۇچقۇنلار»فىلىمدە( 1962 - يىلى ) ئۇينالغان  « تاھىر -زۆھرە » ئوپېرسىدا كېنىزەك ،1964 - يىلىدىكى « قۇملۇقتىكى يېشىل دولقۇن»ناملىق ھېكايە  فىلىمدە كوپىراتسىيە  مۇدىرى قاسىمنىڭ ئايالى ،«نەسىردىن ئەپەندىم» فىلىمدە ياغاچچىنىڭ ئايالى ، خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرگەن ئوپېرا  «قىزىل چىراق» دا لى يۈخېنىڭ ئانىسى لى مۇماي ، «رەنانىڭ توي» فىلىمدە رەنانىڭ ئانىسى ئامىنە كېرىم،«ئۈچ ياش » ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىردا  ئامىنە ، « تاش ئۇستىدە ئېچىلغان گۈل» دە ئاق كۈڭۈل يېزا ئايالى ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىپ كىشلەر قەلبىدەئۇنتۇلغۇسىز  تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ،ئىسىم-جىسمىغا مۇناسىپ خەلق قەلبىدىكى ئارتىس بولۇپ قالدى .
   ئايشەم كېرىم تارىخىتا مىسلى كۆرۈلمىگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى » دا تۈرلۈك بەتناملارغا قىلىپ ، « شيۇجىڭجۇيىچىلارنىڭ تەشۋىقاتچىسى» ، » تارىخى ئەكسىلئىنقلابچىنىڭ  ئايالى» ، «قارا يىپ »دەپ بىگۇناە قارىلىنپ ئاز بولمغان رىيازەتلەرنى چەككەن. دىلى قاتتىق ئازار يېدى   .     سە ھنە ھاياتىدىن  بىر مەزگىل تۇختاپ قالدى . لېكىن ئۇ ئىرادىسىدىن  يانماي ، قىلچە  ئۈمىدسىزلەنمەي ،داۋاملىق ھالدا سەنئەتكە ئائىت ئەسەرلەرنى ئۇگىنىپ ،سە ھنە ھاياتى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي  يەنە داۋاملىق ھالدا دراما ئۇيناشقا  قاتنىشىپ ،سە ھنە ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى .
   ئايشەم كېرىم 1980 - يىلى خىزمەت ئېھتىياجى  بىلەن مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يۆتكىلىپ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى قېزەش ، رەتلەش ، تەتقىق قىلىش ۋە ئېتىش پائالىيەتلىرگە قاتناشتى ، 12 مۇقامنىڭ ئىچىدىكى سەككىز  مۇقامنى تۇلۇق ئۇگىنىپ ئىگىلىۋالدى ، «مۇشاۋىرەك »، چەبىيات » ، « راك » ، قاتارلىق سەككىز مۇقامنى لېنتىغا ئېلىش ، ئۇرۇنداش ۋە سەھنىلەشتۈرۈشنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلەپ ،جاپالىق ئەجىر سىڭدۈردى . ئۇ مۇقام  تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشۇپلار قالماي ، يەنە  مۇقام ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۇش ، تەربىيىلەش جەھەتتىمۇ يۈرەك قېنىنى ئايىماي سەرىپ قىلدى . ئايشەم كېرىم دراما،كىنو ئوپېرالاردا رول ئالالايدىغان ،ناخشا- ئۇسسۇل بىلەن شۇغۇللىنالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئالاھىدىلىككە كۆپ ئىقدارلىق ماھىر ئارتىس بولۇپ ، ھايات  ۋاقىتىدا ئىلگىرى -كېيىن  بولۇپ ئۈرۈمچى خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى ، ئاپتونوم سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ  شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ،
شىنجاڭ كىنو چىلىقى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغانىدى. ئۇ ھايات ۋاىتىدا  پارتىيىنى ،ۋەتەننى ، خەلقنى ،مىللىتىنى ،سەنئەتنى قىزغىن  سۆيەتتى ، كېچىك پېئىل ،كەمتەر ،ئاق كۆڭۈل،سەمىمىي ،چىقىشقاق ،ئۈمىدۋار ئىدى.
ئۇ ئۇزى ياراتقان كۆپلىگەن ئېكران،سەھنە ئوبرازلىرى بىلەن خەلق ئارىسدا ئەبەدىي ياشىغۇسى !


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋ...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كى...
●  كىنو تەرجىمە سېپىد...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر ...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىب...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىي...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىن...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىن...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چو...
●  كىنو تەرجىمە سېپىدىكى ت...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر قەلب...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىبك كىن...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى