بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> سەنئەتكارىمىز >> تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو  ئارتىسى _ توختى  مولتاجى

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىنو  ئارتىسى _ توختى  مولتاجى

يوللانغان ۋاقتى : 2008-10-22 12:22:31    كۆرۈلۈش سانى : 208  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
دۆلىتىمىزنىڭ كىنۇچىلىق تارىخىدا ئۇريغۇرنىڭ  ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ كىنودا رول ئالغان كىشى _  پېشقەدەم سەنئەتكار قابىلىيەتلىك سەنئەت تەشكىلاتچىسى توختى  مولتاجىدۇر.   توختى  مولتاجى  1926 يىلى ئاتۇش شەھىرنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا ئاچچىق كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .  1937 -يىلى ئاغۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرگەن ، 1942 - يىلى ئالتىنچى سىنىپنى  تاماملىغاندىن  كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ، 40 - يىللارنىڭ ئاخىردا ئاغۇ يېزىسىدا ئۇقۇتقۇچى بولغان.   30 يىللار ۋە 40 - يىللار شىنجاڭنىڭ ناخشا  - ئۇسسۇل ، درامىچىلىقى ، راسا تەرەققى قلىۋاتقان مەزگىل  بولۇپ ، قەشقەر ۋە ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا يېڭىدىن سەنئەت نۇمۇرلىرى ئۇينىلىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ  ئۇستىگە ئاغۇ  يېزىسىدا  مەشىرەپ سورۇنلىرى  دائىم دېگۈدەك ئۇزگىچە نومۇرلار بىلەن يېڭىلىنىپ تۇراتتى  بۇ خىل ئەۋزەل شارائىت  توختى  مولتاجىنىڭ قەلبىدە سەنئەتكە بۇلغان ئىشتىياقنى ئويغاتتى ، ئۇ ئۇقۇۋاتقان ئاغۇ باشلانغۇچ مەكتەپىدە قۇرۇلغان سەنئەت گۇرۇپىسى، ئۇنى سەنئەت  ھاياتىغا باشلاپ كىردى . ئۇ مەكتەپتە ئۇقۇۋېتىپ ،  سەنئەت گۇرۇپىسى ئۇيۇشتۇرغان  ئۇسسۇل ، لەپەرلەرنى ئۇرۇنداشقا قاتنىشىپ ، ئۇزىنىڭ سەھنە ھاياتىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىغا ئۇل  سالدى . مەكتەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ قەشقەر ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم بىرىپ ، ئۇزىنىڭ نەزەر دائىرسىنى  كېڭەيتتى .     توختى  مولتاجى 1950 -يىلى ئاتۇش شە ھىردە  ئېچىلغان يەرلىك كادىرلار نى تەربىيىلەش كۇرۇسدا بىر ئاي ئۇقۇغاندىن كېيىن ئاغۇ رايۇن 1 -  يېزىغا يېزا باشلىقى بولدى. 1951 - يىلى ناھىيىلىك پارتكوم ئۇنى ئاپتونوم رايۇنلۇق كادىرلار مەكتىپىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتتى . ئۇ بۇ  مەكتەپتە 1951 - يىلى 8 - ئايغا قەدەر بىر يىل ئۇقۇدى . شۇ مەزگىلىدە  ئۇينالغان « يېتىملەر يېشى » ناملىق تۆت پەردە ئالتە كۆرۈنۈشلۈك درامىدا ئاساسلىق باش رول _ رە ھىم رولىنى مۇۋەپپەقيەتلىك ئۇرۇنداپ رەسمىي سەھنە سەنئەت  ھاياتىغا باشلاپ ۋە لەپەر ، ئېيتىشىش  قاتارلىق نۇمۇرلارنى ئۇرۇندىدى . ئۇقۇش پۇتتۈرگەندىن كېيىن تەشكىل ئۇنىڭ  سەنئەت قابىلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ  ، ئۇنى  مەكتەپنىڭ سەنئەت  گۇرۇپپىسىغا ئېلىپ قالدى.   1952 - يىلى 6 -ئايدا  ئۇنىڭ ھاياتىد ا بىر بۇرۇلۇش بولدى. « ئۈچكە قارشى ھەرىكەت » باشلانغاندىن كېيىن ، بيۇروكادىرلار مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئارتىس ۋە باشقا خادىملار سابىق ئۆلكىلىك  سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكەپ بېرىلىدى . شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ تاكى 1988 - يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر  شىنجاڭنىڭ ناخشا  - ئۇسسۇل ئۇپېرا ئۆمىكىدە ئەتىرەت باشلىقى ، مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ، ئۆمەك باشلىقى، ياچېيكا شۇجىسى  قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى.   توختى  مولتاجى 1956 -يىلى شاڭخەي كىنو ستۇدىيسى  ئىشلىگەن ، تاڭ شياۋدەن رېژسسۇرلۇق قىلغان « باياۋاندىكى كۆرەش » ناملىق ھېكايە فىلىمدە ئازادلىق ئارمىينىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە سۇ مەنبەسىنى تەكشۇرۇش ئەترىتىنىڭ يۇل باشلغۇچىسى  ئەمەت بوۋاينىڭ رولىنى ئېلىش  بىلەن ئېكران ھاياتنى باشلىغان بولۇپ ، ئۇ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى  ئۇريغۇرلار ئېچىدىن يېتىشكەن تۇنجى كىنو ئارىسىدۇر . ئۇ فىلىم رول ئالغاندا ئاران 27 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان بولۇپ ، ئۇزىنىڭ يېشىدىن بىر ھەسسە يۇقىر ياشانغان بوۋاينىڭ ئۇبرازىنى يارتىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە ئاسانغا چۇشمىدى . ئۇ فىلىمگە رۇل ئېلىشتىن ئىلگىر ى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ،بىر قىسىم مويسىپىتلارنى زىيارەت قىلىپ ،بوۋايلارنىڭ پىسخىكىسى ،خارەكتېرنى زېھىن قويۇپ كۆزەتتى ، ئۆگەندى ،شۇ ئارقىلىق تۇنجى  ئېكران ئۇبرازىنى  مۇۋەپپەقيەتلىك ياراتتى .  توختى  مولتاجى 1959 -يىلى  شاڭخەي خەييەن  كىنو ستۇدىيسى بىلەن  تەڭرىتاغ  كىنو ستۇدىيسى ( ئەينى يىللاردا  شىنجاڭ كىنو ستۇدىيسى نامى بىلەن قۇرۇلغان) بىرلىشىپ ئىشلىگەن ، ئالىي كوپىرتسىيىلىشىش مەزگىلدىكى ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ قاينام -تاشقىنلىق تۇرمۇشنى ،ئۆتكۈر ئائىلە  زېدىيىتى ، كەسكىن سىنپىى كۈرەش تەسۋىرلەنگەن فىلىمدى ئايال باش قەھىرىمان ، ،ئۇيغۇر يېزا  ئاياللىرنىڭ  جاسارەتلىك  ۋەكىلى ئايىمخان مۇدىرنىڭ دادىسى _ ئات باقار ھاشىم بوۋاي ئوبرازىنى مۇۋەپپەقيەتلىك ياراتتى ، بۇ  توختى  مولتاجىنىڭ بوۋاي  ئوبرازىنى ئىككىنچى قېتىم يارتىشى بولۇپ رول ئالغاندا تىخى 30 ياشقىمۇ توشمىغان ئىدى. ئۇ بۇ فىلىمدە رول ئېلىش ، تۇرمۇش  جەرياندا تورپانغا فىلىم ئىشلەشكە بارغان ئارتىسلارنى تەشكىللەش جەھەتتە زور ئەجىر سىڭدۈرۈپلا قالماي، يەنە فىلىمنىڭ مىللىي ئۆرپ -ئادەت مەسلىھەتچىىسى بولۇپ ،ئۇيغۇرلانىڭ  تورمۇشى سۇژىت قىلغان بۇ  فىلىمنىڭ سۈپەتلىك ئىشلىنىشىگە  تېگىشلىك  تۆھپە قۇشقان،  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ  جەڭگۋار ھاياتىنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ،« يىرقتىكى ئۇچقۇنلار » (1962 -يىلى ئىشلىگەن) ناملىق ھېكايە فىلىمنىڭ ئىچىدە ئۇينالغان ل . مۇتەللىپ يازغان « تاھىر -زۆھىرە » ناملىق دردامىدا ۋەزىر،  « ئارتىس بولمايدىغان قىز » فىلىمدە  سەنئەت ئۆمىكى باشلىقى، سەككىز قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىر  « تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن » دا ئوۋچى بوۋاي ئوبرازىنى ياراتتى ، ئۇنىڭ بۇ تېلېۋزىيە تىياتىر دا ياراتقان  ئوبرازىنى تاماشىبنلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قۇغىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە « چېن تيەنچۇ » نا ملىق  تېلېۋزىيە تىياتىر دا سۇدىگەر  ۋەكىلى  « ئاماننساخان » ناملىق ھېكايە فىلىم ۋە شۇ ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىر دا ئوردا ۋەزىرى  بولۇپ ئېكراندا كۆرۈندى .     توختى  مولتاجى ئېكران  ئوبرازىنى  يارىتىش بىلەنلا تونۇلۇپ قالماي،  ئىلگىر -كېيىن بولۇپ « غىرىپ -سەنەم » درامىسدا  ھەسەن ۋەزىر ، « مۇدىر ئالدامچى »  درامىسدا  كاتىپ ، بورھان شە ھىدىنىڭ « يالقۇنتاغ غەزىپى»  نا ملىق درامىسدا  قاسىم جىسا ،ئۇيغۇر تىلدا ئوينالغان خەنزۇ  درامىسى « رەڭگارەڭ چىراق ئاستىدىكى قاراۋۇل » لىيەنجانىڭ رولنى ئېلىپ شىنجاڭ كىنوچىلىقى ۋە  تىياتىرچىلىقى ئۈچۈن  ئالاھىدە تۆھپە قۇشتى.   توختى  مولتاجى 38 يىللىق سەنئەت  ھاياتىدا  سەنئەت ئۆمىكىنىڭ تەشكىلاتچىلىق ، تەربىيچىلىك  خىزمىتىنى ئەستايدىل ئىشلەپ ، بىر يۇرۇش  مۇل باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپلا قالماستىن ، يەنە خەلقىمىزنىڭ مەدنىي  مىرسلىر ىنى رەتلەش ، سىستېملاشتۇرۇش ،ئۆگىنىش ، كېڭەيتىش  خىزمىتى ئۈچۈن  توھپە قۇشتى . 1975 -يىلى ئۇ مەرھۇم تېيىپچان ئېليوپ  بىلەن 12 مۇقامنى ئۆگىنىش تولۇقلاش ،تەشۋىق قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈش ئۇستىدىكى پىكىرلىشىپ ، بۇ پىكىرلەرنى ئاپتونوم رايۇننىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەھبىرگە دوكلات قىلغان،  ھەمدە قىزغىن قۇللىشىغا ئېرىشتى . كېيىن مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلدى. بۇ قۇشۇن بارا-بارا كېڭيتىپ ئاخىر مۇقام ئانسامبىلى تەسس قىلىنىپ12 مۇقام دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ىسىدىن ھالقىپ دۇنياغا يۇزلىنىپ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت تاپتى.   پېشقەدەم سەنئەتكار قابىلىيەتلىك سەنئەت تەشكىلاتچىسى توختى  مولتاجى ئۆمىرنىڭ ئاخىردا مۇدھىش كېسەل بىلەن ئۇدا  بىر نەچچە يىل ئېلىشىپ 2003 -  يىل 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۈرۈمچىدە 77 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۆ ھپىسى ، ئېكران ،سەھنە ئۇبرازى بىلەن بىللە خەلق قەلبىدە  مەڭگۇ  ھايات.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋ...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كى...
●  كىنو تەرجىمە سېپىد...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر ...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىب...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىي...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىن...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىن...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چو...
●  كىنو تەرجىمە سېپىدىكى ت...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر قەلب...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىبك كىن...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى