بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مەدەنىيىتىمىز >> سەنئەتكارىمىز >> كىنو تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار _ ئەخمەتجان مامۇت

كىنو تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار _ ئەخمەتجان مامۇت

يوللانغان ۋاقتى : 2009-10-13 09:48:39    كۆرۈلۈش سانى : 1585  
كصچصك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>

كىنو تەرجىمە سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار  _  ئەخمەتجان مامۇت
ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ كىنو فىلىم تەرجىمە ئىشلىرىغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇۋاتقان ، ئېكران كەينىدىكى تۆھپىكارلار ئىچىدە شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئەۋلاد  تەرجىمە فىلىم ئاۋاز ئارتىسلىردىن  بىرى بولغان يولداش ئەخمەتچان مامۇت ئۆز تۆ ھپىسى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.
   ئۇ 1954 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە كىنو ساھەسىدە، جۈملىدىن 1958 - يىلىدىن باشلاپ  ھازىرغىچە 36 يىل تەرجىمە فىلىملىرىگە ئاۋاز بېرىش سېپىدە ھارماي - تالماي جەڭ قىلىپ كەلدى .
   ئەخمەتچان مامۇت 1936 - يىلى قەشقەرنىڭ ئوپالدا  تۇغۇلغان 1948 - يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرىپ ، 1951 - يىلى 1- ئايدا  مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ « جەنۇبىي تىيانشان گېزىتى » ( ھازىرىقى « قەشقەر گېزىتى ») ئىدارىسىگە نابورجىك بولۇپ كىرگەن . 1954 - يىلى گۇما  ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا  ئالتە ئاي خىزمەت قىلىپ ، كېيىن گۇما ناھىيىلىك كىنوخانىدا مېخانىك بولغان . 1956 -يىلى ئۈرۈمچىگە كىنو مېخانىكلىرىنى تەربىيىلەش كۇرىسىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا كېلىپ ، شۇ مەزگىلدە ئېچىلغان كىنو ئاكتيورلىرىنى يېتىشتۈرۈش  كۇرىسىدا ئوقۇغان .1957 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكتيورلار كۇرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق دراما  ئۆمىكىگە  تەقسىملىنىپ ، شۇ يىللاردا ئوينالغان « غىرىپ -سەنەم » درامىسىدا ئابدۇللا شاتىرى  رولىنى ئويناپ چىققاندىن سىرت ، يەنە «غۇنچەم »، « گۈلنىسا»، « ئارشىن - مال ئالان » درامىلىرى ۋە شېكىسپىرنىڭ « گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق» دېگەن درامىسىدا رول ئالغان . 1958 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ كىنو ستۇدىيىسى  (ھازىرقى تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى ) گە يۆتكىلىپ ،شاڭخەي  تەرجىمە  كىنۇ ستۇدىيىسىگە  ئۈچ يىللىق ئوقۇشقا بارغان .
   ئەخمەتچان مامۇتنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان كىنولارغا ئاۋاز بېرىش  ھاياتى مانا مۇشۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلانغان بولۇپ شاڭخەيدە ئوقۇغان مەزگىلدە ، ئەڭ بۇرۇب ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلنىغان « دېڭىز ئەرۋا ھى »، « پارتىيە قىزى »، « خىيسەن تېغىدىكى زەربىدارلىق ئۇرۇشى »، « ليۇباۋدىكى ھېكايە »، « نەيلىك ناخشا » ، « تۈرمىدىكى غەزەپ ئوتى»، « يېرىم كېچىدىكى سوغۇق » ، « جىمجىت ئورمانلىق »،  « تۆمۇر يول پارتىزانلىرى » ، « ئۇچقۇچىلار مۇسابىقىسى »قاتارلىق ئون فىلىمىگە ئاۋاز بېرىشكە  قاتنىشىپ ، بۇ فىلىملەردە باش رول ۋە ئاساسىي روللارغا ئارۋاز بەرگەن . غەيرەت  - شىجائىتى تازا ئۇرغۇپ تورغان  ،يەنىمۇ كۆپلىگەن فىلىملەرگە ئاۋاز بېرىش ئالدىدا تۇرغاندا ، شۇ ۋاقىتتا مەملىكەت مىقياسىدا ئېلىپ  بېرىلىۋاتقان ،بىر - بىرىگە ئۇلىنىپ  كەلگەن سىياسىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن ، كەسىپداشلىرى  بىلەن بىللە شىنجاڭغا سىياسىي ھەرىكەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ كېلىنگەن.ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن. 1958- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ باشتىن - ئاخىرى  تەڭرىتاغ كىنو ستۇديىسىنىڭ تەرجىمە فىلىم بۆلۈمىدە  ئىشلەپ ، 1996 - يىلى 1 -دەرىجىلىك ئارتىس ئۇنۋانى بىلەن دەم ئېلىشقا چىقتى .
   ئۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان « قەھرىمانىڭ جاسارىتى » فىلىمىدە ئازادلىق ئارمىيە رازۋېدكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى زىڭتەي، « مەڭگۈ ئۈزۈلمەس رادىئو دۇلقۇنى» فىلىمىدە  پارتىيىمىزنىڭ يەرئاستى رادىستى لى شيا، « خۇيزۇ خەلق قوشۇنى » دا باش قە ھرىمان مابىنزەي،  « قىزىل ئاياللار قوشۇنى » دا خوڭ چاڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازىنى بىرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى . 1965 -يىلى زاڭزۇلار تۇرمۇشىدىن ئىشلەنگەن ھېكايە فىلىم « نوڭنۇلار » دا ئۇنىڭغا ئەكسىيەتچى لاما تۇدىڭ گېگەننىڭ ئاۋازىنى  بېرىش تەقسىم قىلىندى . بۇ ئۇ شۇ چاغقىچە تۇنجى قېتىم يولۇققان، چۈشىنىش تەس بولغان بىر پېرسوناژ ئاۋازى ئىدى . « بۇددا دىنى را ھىبلىرنىڭ خاراكتېرنى قانداق ئېچىپ بىرىش، ھېسىسىياتىنى قانداق ئىپادىلەش كېرەك ؟ ئۇنىڭ ئالدىغا باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە بولۇپ قويۇلدى . بۇ چاغدا ئۇ دەر ھاللا داڭلىق كومېدىيە ئارتىس ئەمەت ئۆمەرنىڭ ئېسىگە ئېلىپ ، بۇ پېشقەدەم ئۇستازدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ باردى .  ئەمەت ئۆمەر ئۇنىڭغا خارەكتېر يارىتىش جەھەتتىكى  تەجرىبىلىرنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ بەرگەندىن سىرت ، جەمئىيەتتىكى دىنى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەرىكىتنى كۆزىتىشنى تەۋسىيە قىلدى ، ئەخمەتچان مامۇت بۇ پېشقەدەم ئارتىسنىڭ كۆرسەتكىنى بۇيىچە جەمئىيەتنى ئارىلاپ ،ئاخىر بۇ فىلىمدىكى ئەكسىيەتچى لامانىڭ ئاۋازىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەردى .
   ئاپەتلىك ئون يىلدا  ئۇمۇ زىيانكەشلىكنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىپ رىيازەت چەكتى.
   1976 - يىلىدىن كېيىن  ئۇ ئاۋاز بېرش زالىغا قايتىدىن كىرىپ ، « ئىگىلىك يارىتىش»، « دوختۇ بېتيۇن» ، « قارا ئۈچ بۈرجەك » قاتارلىق نۇرغۇن فىلىملەرگە ئاۋاز بەردى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ «سەرگەردان »فىلىمىدىكى راگونات ،يۇگۇسلاۋىيە فىلىمى  « كۆۋرۈك » تىكى پارتىزانلار باشلىقى يولۋاسقا بەرگەن ئاۋازى تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇلدى
    ئەخمەتچان مامۇت 1981 - يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا  ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان فىلىمىلەرنىڭ رېژىسسورى بولۇپ ئۆزى بىۋاسىتە « تويلىشىش سۈرىتى » ، « تۇمانلىق شەھەر »،  «پەۋقۇلئادە سالاھىيەتلىك ساقچى ئەمەلدار »، « شىجياجۇاڭنى ئازاد قىلىش »، « مەخپىي بۆلۈم ھەرىكەتتە»، « يېشىل ياقۇتلۇق تۇمار» ، « ھىجران يېشى» ، « فاڭ شىيۈي» ، «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى»، « جىنايەتنىڭ باش - ئاخىرى »، « (فرانسىيىنىڭ) ، « ئالتۇن قازغۇچىلار پىرى» ، «خىسلەتلىك ئۆرمە چاچ »، « تىنچسىز قۇمباغ » ، « شياۋلىن  ئۆسمۈرلەر گۇمپىسى » ، « ئالوڭنىڭ قانلىق ئېلىشىشى» قاتارلىق 60 قا يېقىن فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىدى ۋە مۇھىم روللارغا ئاۋاز بەردى
   ئۇنىڭدىن باشقا  ئۇ يەنە ئېكرانغا يۈزلىنىپ ، «ئىككى ئەۋلاد»،  يىراقتىكى ئۇچقۇنلار »، « يول باشلغۇچى»، « غىرىپ - سەنەم »، « تىنچسىز قۇمباغ »، ئېمىي كىنو ستۇىيىسى ئىشلىگە تۆت قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جەسەت ساندۇقنىڭ سىرى» قاتارلىق كىنو  تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدى
   ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان  «تەييار تاپنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى» فىلىمى 1985 - يىلى سېنتەبىردە ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىلغان « ئاز سانىلق مىللەتلەر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكىتىپ ، ئىلغار شەخىسلەر ۋە مۇنەۋۋەر تەرجىمە فىلىملەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى »دا مۇنەۋۋەر تەرجىمە  فىلىمى مۇكاپاتىغا ، ئۆزى ئىلغار شەخىس مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى .
   شىنجاڭ كىنو فىلىم تەرجىمە  سېپىدىكى تۇنجى ئەۋلاد تۆھپىكار ھېسابلانغان ئەخمەتچان مامۇت 1958 - يىلىدىن 1996 - يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر 500 دىن ئارتۇق فىلىمگە ئاۋاز بېرىپ ، شىنجاڭ كىنو تەرجىمىچىلىكى  ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى ، ئۇ  ھازىر  گەرچە سالامەتلىكى  دېگەندەك  ياخشى بولمىسىمۇ ، يەنىلا كىنو تەرجىمە  خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە .
   ئۇ ھازىر جۇڭگو كىنوچىلار  جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ،   جۇڭگو كىنوچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ  ھەيئەت ئەزاسى 1- دەرىجىلىك تەرجىمە فىلىم رېژىسسورى
 


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋ...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كى...
●  كىنو تەرجىمە سېپىد...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر ...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىب...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىي...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  ئاتاقلىق تىياتىر ۋە كىن...
●  خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئارتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر كىن...
●  ۋاقىتسىز ئۆچكەن كىنو چو...
●  كىنو تەرجىمە سېپىدىكى ت...
●  ئاۋاز بىلەن كىشلەر قەلب...
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتى...
●  تۇنجى ئەۋلاد ئۆزىبك كىن...
●  ھۈسىيىن تەمبۇر
●  ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى