ئاتاقلىق كىنو ، تىياتىر ئارتىسى _ تۇسۇن ھەسەن
يوللانغان ۋاقتى : 2008-12-13 12:31:17 كۆرۈلۈش سانى : 186
كصچصك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەينى يىللاردا كىنولاردا چەت ئەللىك ھەربىي قۇماندانلارنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقيەتلىك يارىتىش بىلەن بىللە تاماشىبنلار ئارىسدا بەلگىلىك تەسىر قۇزغىغان ۋە ئالقىشقا ئىرشكەن . پۇتۇن ھاياتىنى ئۇيغۇر سەنئەتكە بىغىشلىغان ۋە ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تو ھپە قۇشقان پېشقەدەم سەنئەتكار كىنو ، تىياتىر ئارتىسى، سە ھنە ئەسەرلىرى رېژىسسورى تۇرسۇن ھەسەن1989 -يىلى 21 - ئاپرېل مېڭسىگە قان چۇشۇش تۇپەيلىدىن 62 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ھاياتىدا شانلىق تارىخ،ئۇنتۇلغۇسىز تۆ ھپىلەرنى ياراتقان، كىنو ئېكرانىدا ئەڭ بۇرۇن ئۇبراز ياراتقان تۆ ھپىكارلارنىىڭ بىرى ئىدى .
تۇسۇن ھەسەن 1927 -يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇريىتنىڭ بىشكەك شەھىردە تۇغۇلغان بولۇپ كېيىن ئاتا - ئانىسى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ ئۇلتۇراقلاشقان . كىچىكىدنى تارتىپ جۇشقۇن ۋە سەنئەتخۇمار بولۇپ يېتىلگەن ، تۇسۇن ھەسەن 1945 -يىلى 8 - ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ زولۇمىغا قارشى كۆتۈرلىگەن شانلىق ئۈچ ۋىلايەت ئىىنقىلابىغا قاتنىشىپ 1948 - يىلىدىن 1953 - يىلغىچە چۆچەك سانايى نەفىسەدە ئارتىس بولۇپ ، يېتەكچى رېژىسسور لوق خىزمىتىنى ئىشلىگەن ، 1953 - يىلىدىن 1965 - يىلغىچە شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ، دراما - تىياتىر ئۆمەكلىرىدە ئارتىس ، مۇئاۋىن رېژىسسور بولغان.
1965 - يىلىدىن 1987 - يىلغىچە قۇمۇل ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدە ئارتىس ، رېژىسسور بولۇپ ئىشلىگەن . 1987 - يىلى خىز مەتتىن ئايرىلىپ دەم ئېلىشقا چىققان.
تۇسۇن ھەسەن قىران مەزگىلىدە خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈك ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش يولىدا قۇزغالغان ، جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۇردىغان ئۈچ ۋىلايەتلىك ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ ، مىللىي ئارمىينىڭ سەنئەت بۆلۈمىدە ئۇزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۇزىنىڭ جەڭگىۋار ساداسى ، سەھنىدىكى رۇشەن خۇسۇسيەت ۋە ئۆزگىچە خاراكتىر ئىگە ئۇبرازى بىلەن خەلقىمىزنىڭ جاھالەتكە ، زۇلۇمغا ، تەڭسىزلىككە قارشى ئادالەتكە كۈرەشىگە چاقىردى . جەڭدە كارامەت مۇجىزلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ . چۆچەك ،قۇمۇل ، ئاپتونوم رايۇنلارنىڭ سەنئەت ئورۇ نىلىرىدا ئىشلىگەن مەزگىللىدە قېتىرقىنىپ ، ئۇگنىپ ، جاپالىق ئىزدىنىپ ، سەھنىلەردە ئەل ئاغىزىدا داستان بۇلغىدەك جانلىق ئۇبراز يارىتىپ ، خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشتى ، ئۇ سەھنە ھاياتىدا ئىلگىر - كېيىن بولۇپ « ئانارخان» ، « خىيالىي دۇختۇر » ، « باي ۋە مالاي »، « شانلىق غەلىبە » ، « مانىكاۋاي » ، « جۈمەك تاز » ، « ۋەتەن قۇربانلىرى » ، « ئارا تۈرۈكىتكى 40 كۈن» ، « تىمتاس ئەمەس بۇ ماكان» ، « شۇنداق بىر ماكان » ، « قانلىق قارا ياغاچ »، « غۇنچەم » ، « كۈرەشچان يىللار » ، « جيەن دەرياسى » ، « ئاشلىق » ، « ئارشىن - مال ئالان » ، « غىرىپ - سەنئەم » ، « يالغۇز قىزى » ، « ساكۇدا » ، « ئىككى بايغا بىر مالاي » ، «قىزى چىراق » ، « ئاق چاچلىق قىز» ، « لۇڭجىياڭغا مەد ھىيە » ، « ۋېيخۇشەننى پەم بىلەن ئېلىش »، قاتارلىق دارامىغا رېژىسسور لوق
قىلغان ۋە ئاز بولمىغان ، دراما ، ئۇپېرالاردا باش رول ئالغان .
تۇسۇن ھەسەننىڭ سەنئەت ھاياتىدا ئېكران تۇرمۇشىمۇ بەلگىلىك ئۇرۇن تۇتىدۇ، ئوت يۈرەك شائىر ل. مۇتەللىپنىڭ كۈرەشچان ھاياتى تەسۋىرلەنگەن « يىراقتىكى ئۇچقۇنلار » فىلىمدە ل. مۇتەللىپنىڭ ئۇستازى ۋە رە ھبىرى ، ئىنقىلابچى ئىسلامجان ئوبرازى، « شاڭخەينى ئازاد قىلىش ئورۇشى » ، فىلىمدە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى ( گېنىرالى ) ، « جىياۋ تومانلىرى » ، فىلىمدە چەتئەل تاجاۋزچىلارنىڭ كاتتىبېشى « بۇستانلىقتا تەنتەنە » ، فىلىمدە ئەلى ، « كۆل دېڭىزدىكى دۇلقۇن » ، فىلىمدە ئامېرىكا ھەربىي پاراخۇرتنىڭ قۇماندانى مۇس ئۇبراز ىنى مۇۋەپپەقيەتلىك يارتىپ ، تاماشىبنلارنىڭ ئارسىدا يۇقىر ى باھاغا ئېرىشتى ، شۇنداق « ئانارخان» فىلىمدىنۇ رول ئېلىشقا قاتناشتى.
ئۇ ھايات ۋاقتىدا مەمىلىكەتلىك 4- نۆ ۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىل ، مەمىلىكەتلىك تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق 1 - ،2 -، 3 - ،نۆ ۋەتلىك قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىل،
قۇمۇل شەھەرلىك 1 - نۆ ۋەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى قۇمۇل ۋىلايەتلىك تىياتىرچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ 2 - دەرىجىلىك رېژىسسور ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئىدى .
تۇسۇن ھەسەن 40 يىلىدن ئارتۇق داۋام قىلغان سەنئەت ھاياتىدا ئۆچمەس تۆ ھپە ۋە مەڭگۈلۈك ئېكران ئۇبرازىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
|
|