بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> كەسپىي مائارىپ >> شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-29 11:24:31    كۆرۈلۈش سانى : 137  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باش ئورنىنى مەركەز قىلىپ جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا شۆبە مەكتەپ، خىزمەت پونلىتى قۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئۈرۈمچى، سانجى رايونلىرىدىن ھالقىپ، 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتىپىگە تەرەققىي قىلغان. 28 تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىزمەت پونكىتى، 10 ئوقۇتۇش نۇقتىسى قۇرۇلغان. مەكتەپ بىر تۇتاش پىلانلاش، دەرىجىگە ئايرىپ ئوقۇتۇش، دەرىجىلىككە ئايرىپ باشقۇرۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى قوللانغان بولۇپ، مەكتەپنىڭ مەركىزىي بۆلۈمى ئاپتونوم رايوننىڭ تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە مەكتەپلىرى، خىزمەت پونكىتلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلمىي نەتىجىلەرنى باشقۇرۇش خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭدا ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى مەركەز قىلغان، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تارقالغان رادىئو - تېلېۋىزىيە مائارىپىنى شەكىللەندۈرگەن. ئوقۇتۇش شەكلى پۈتۈنلەي ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇتۇش، يېرىم ئىشتىن ئايرىپ ئوقۇتۇش، ئىشتىن سىرت ئۆگىنىش قاتارلىقلار بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ ئوقۇيدۇ. يەنە ئىش ئورنى تەربىيىلەش سىنىپى، كەسپىي گۇۋاھنامە سىنىپى، كەسپىي تېخنىكا مائارىپى ۋە ئۈزلۈكسىز مائارىپى سىنىپى قاتارلىقلارنىمۇ تەسىس قىلغنا. 1982 - يىلى ئاز سانلىق مىللەت تىلدا دەرس بېرىلىدىغان رادىئو - تېلېۋىزىيە مائارىپىنى قۇرۇپ، مەملىكەتتىكى ئەڭ بالدۇر ئاز سانلىق مىللەت تىلدا دەرس بېرىلىدىغان رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ قالغان. مەملىكەت دائىرىسىدە بەشتە بىرلىككە كەلگەن (ئاز سانلىق مىللەت بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا بەشتە بىلىككە كەلگەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىدۇ)، يەنى ئوقۇتۇش پىلانى بىرلىككە كەلگەن، ئوقۇتۇش پروگراممسى بىرلىككە كەلگەن، دەرسلىك ماتېرىيال بىرلىككە كەلگەن، سوئال چىقىرىپ ئىمتىھان ئېلىش بىرلىككە كەلگەن، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلگەن تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ئوقۇش تارىخ قاتلىمىدىن تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس، ئوتتۇرا تېخنىكوم قاتارلىقلار بار. مەكتەپنىڭ ھازىر يەنە 11000 كۋادرات مېتىرلىق ئوقۇتۇش، تەجرىبە، ئىشخانا خىزمەت بىناسى بار. ئىچىدە كومپيۇتېر مەركىزىي، سۈنئىي ھەمرا ئۇچۇرى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى، تەجرىبىخانا، كۆرۈش، ئاڭلاش ئۆيى، ئۈن - سىن ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ياساش ئۆيى قاتارلىقلار ھەمدە تېلېۋىزور پروگراممىلىرىنى تارقىتىش سىستېمىسى، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرى قوبۇل قىلىش سىستېمىسى، كومپيۇتېر سىستېمىسى، تەجرىبە سىستېمىسى قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدىن باشقا سىمسىز چاستوتا كېڭەيتىش تېخنىكىسى ۋە ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىنتېرنېت تۇتاشقان ھەمدە مەركىزىي تېلېۋزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، بايلىقلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ۋە تور ئارقىلىق ئوقۇتۇش باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 1999 - يىلدىكى ئوقۇغۇچى سانى 25 مىڭ نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، بۇ مەكتەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بەش خىل پەن، 21 تۈر، 152 مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى تەسىس قىلغان. جەمئىي تەسىس قىلغان ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى سىنىپى 45، يەنە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش، ئېچىۋېتىلگەن مائارىپ سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى كەسپىلىرىگە ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىدىن 50000 نەپەردىن ئارتۇق ئادەم تەربىيىلىگەن.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ رادىئو - تېل...
●  شىنجاڭ ئىگىلىك باش...
●  شىنجاڭ ئىشچى - خىزم...
●  يېزا رادىئو - تېلېۋ...
●  يېزا قوللىنىشچان ت...
●  'شىخەنزە شەھەرلى...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تې...
●  شىنجاڭ خىمىيە سانا...
●  شىخەنزە موساۋەن كە...
●  جىڭ ناھىيىلىك كەسپ...
●  كورلا شەھەرلىك كەس...
●  مەكىت ناھىيىلىك كە...
●  فۇكاڭ شەھەرلىك كەس...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك ...
●  'غۇلجا تېببىي مەك...
●  ئىلى مال دوختۇرلۇق ...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تە...
●  تارباغاتاي ۋىلايەت...
●  'تارباغاتاي ۋىلا...
●  خوتەن يېزا ئىگىلىك ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزى...
●  شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش...
●  شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىل...
●  يېزا رادىئو - تېلېۋىزىيە...
●  يېزا قوللىنىشچان تېخنىك...
●  'شىخەنزە شەھەرلىك يۇي...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تېخنىك ...
●  شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى ...
●  شىخەنزە موساۋەن كەسپىي ...
●  جىڭ ناھىيىلىك كەسپىي تې...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى