'شىخەنزە شەھەرلىك يۇيىڭ مەكتىپى'
يوللانغان ۋاقتى : 2009-04-29 14:26:54 كۆرۈلۈش سانى : 60
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
بۇ مەكتەپنى بىر تۈركۈم پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچىلار بىرلىشىپ قۇرغان. 1982 - يىلى شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن خەلق باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپ. 1993 - يىلىدىن بۇرۇن، پراكتىكا تەربىيىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پراكتىكىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپچىلىكى تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 12700 نەپەردىن ئارتۇق كىشىگە يەتكەن. 1993 - 1995 - يىلغىچە مەكتەپ بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئىككى يىللىق بازار تىجارىتى ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئاچقان. 1995 - يىلدىن كېيىن شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى بىلەن بىرلىشىپ ئۈچ يىللىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ۋە بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئالىي تېخنىكوم سىنىپى ئېچىپ، شىخەنزە شەھىرى ۋە تۈەن - مەيدانلار ئۈچۈن 69 نەپەر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، بالىلار باغچىسى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەستىقى ئارقىلىق مەكتەپ 1993 - يىلدىن باشلاپ ئىككى يىللىق چوڭلار تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئاچقان. مەكتەپ قۇرۇلغان 13 يىلدىن بۇيان كۆپ قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ باھالاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سازاۋەر بولغان. ئىككى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تارقاتقان ئىجتىمائىي كۈچلەر قۇرغان مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كۈچلەر مەكتەپ قۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن ھەم 2000 - يىلى شىخەنزە شەھەرلىك مائارىپ خىزمەت يىغىنىدا تەقدىرلەنگەن. |
|