شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-15 13:36:31 كۆرۈلۈش سانى : 85
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
1962 - يىلى 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى، مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ ئەنگە ئېلىشى بىلەن قۇرۇلغان. ئەسلى ئاساسى شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپى نازارىتىنىڭ ئورتاق باشقۇرۇشىغا تەۋە بولغان.1963 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدە 200 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان. شتاتى 12 بولۇپ، مەكتەپتە ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، بوغالتىرلىق قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس كۇرس كەسپى تەسىس قىلىنغان. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلدە مەكتەپ تاقالغان. 1974 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئەسلىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېتى مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىپ، شىنجاڭ ئىشچىلار سىياسىي مەكتىپى، كېيىن يەنە شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرت ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتكەن. 1979 - يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سابىق ئاپتونوم رايونلۇق ئىنقىلابىي كومىتېت شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلىپ، شۇ يىلى تۇنجى قارار مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان. 1985 - يىلى پۈتۈن شىنجاڭدىن 2400 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، 1991 - يىلى 11 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى قىلپ ئۆزگەرتىلگەن. ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر، ئىنگلىز تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپ مالىيە ئىقتىساد فاكۇلتېتى، ماشىنىسازلىق فاكۇلتېتى، باشقۇرۇش فاكۇلتېتى، كومپيۇتېر فاكۇلتېتى، چەت ئەل تىلى فاكۇلتېتى، جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتى، ئاساسىي بۆلۈم، ماركسىزم - لېنىنىزم بۆلۈمى قاتارلىق ئالتە فاكۇلتېت ئىككى بۆلۈم 20 نەچچە ئوقۇتۇش كافىدراسى، 40 قا يېقىن تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرى تەسىس قىلىغان. نۆۋەتتە مەكتەپ تولۇق ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇش سىرتتىن ئوقۇش، ئىشتىن سىرتقى ئوقۇش قاتارلىق ئوقۇتۇش شەكىللىرى بويىچە مەخسۇس كۇرس، تولۇق كۇرس ۋە ئىككىنچى ئوقۇش تارىخى، ئاسپرانت قاتارلىق ئوقۇش تارىخى سىنىپلىرىنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرخىل ئىش ئورنى تەربىيىلەش ۋە ئۈزلۈكسىز تەربىيە قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، داليەن ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ سودا - سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو گېئولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپ، قىسىم ئىشتىن سىرت ئوقۇتۇش تارمىقى قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ مەكتەپتە كەينى - كەينىدىن شىنجاڭ ئىشتىن سىرت ئوقۇش پونكىتى ياكى ئوقۇش رايونى قۇرغان، ئاپتونوم رياون بويىچە كومپيۇتېر كەسپىدە دۆلەتلىك كەسپىي ئىقتىداىنى باھالاپ بېكىتىش ئورنى ياكى مەكتىپى بولۇپ تەسىس قىلىپ بېكىتىلگەن، مەكتەپ شتاتى 370، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 130 (ئالىي ئونۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 42 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 60 نەپەر) نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 5800 نەپەر، مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 83250 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش رايونى قۇرۇلۇش كۆلىمى 13194 كۋادرات مېتىر، مەكتەپتە كۇتۇپخانا ۋە بىر قەدەر تولۇق بولغان. 20 نەچچە تەجرىبىخانا بار. يەنە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان مەكتەپ سىرتى پراكتىكا بازىسى بار. مەكتەپ پۈتۈن مەملىكەتتە بىر تۇتاش تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇر، خەنزۇ يېزىقىدا نەشىردىن چىقىدىغان شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمى ژۇرنىلى نى نەشىر قىلغان. ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تولىڭ شىركىتىدىن ئىبارەت ئىقتىسادىي گەۋدىنى قۇرغان. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 11000 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن. |
|