بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> كەسپىي مائارىپ >> يېزا قوللىنىشچان تېخنىكا تەربىيىسى

يېزا قوللىنىشچان تېخنىكا تەربىيىسى

يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 10:55:14    كۆرۈلۈش سانى : 78  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
دېھقان چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىگە ئاساسلىنىپ، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇش پرىنسىپى بويىچە يېزىلار نېمىگە ئېھتىياج بولسا، شۇ جەھەتتىن تەربىيىلەش تەك قىسقا، مۇقىم، تېز بولغان تېخنىكا تەربىيىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەزىلەر ئوبرازلىق ئوخشىشىپ يېزىلاردا جاننى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى تارقىتىش دەپ ئاتىغان. 1986 - يىلى 10 - ئايدا جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق مىنىستىرلىكى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئايارللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار 7 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلدە يېزا ياشلىرىنى ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۇقتۇرۇشى نى تارقاتتى. ئۇنىڭدا 7 - بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيىلەش ئارقىلىق 10 مىليون زىيالىي ياشقا بىر ياكى ئىككى تۈرلۈك بېيىش پەن - تېخنىكىسىنى ئىگىلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 1994 - يىلى 4 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى قاتارلىق 11 ئورۇن يېزىلاردا كەسپىي تېخنىكا مائارىپىنى يۈرگۈزۈشتە ئۈچ گۇۋاھنامە تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدە پىكىر نى تارقاتتى. ئۇنىڭدا: دېھقان - چارۋىچىلار بەلگىلىك پەن - تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. بىر، ئىككى تۈرلۈك ئەمەلىي تېخنىكىنى ئىگىلىگەن ھەمدە باھالاش ئارقىلىق لاياقەتلىك سەۋىيىگە يەتكەن بولسا، ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيىلىنىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىشى كېرەك. دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دەرسلىك ماتېرىيالنى قوللىنىشتا دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى بىر تۇتاش تارقاتقان يېزىلار ئەمەلىي پەن - تېخنىكىسى ژۇرنىلىنى ھەمدە ھەرقايسى تارماق، ھەرقايسى ئىدارىلەر ئۆز كەسىپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ۋە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىققان ئەمەلىي تېخنىكا ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. دېيىلگەن. 1996 - يىلى 6 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ]دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ يانغىن پىلانىنىڭ يۈز، مىڭ، تۈمەن قۇرۇلۇشى نى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى[ نى تارقاتقاندا، نۆۋەتتىكى يېزا پەن - تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئىچىدىكى ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، كېڭەيتىش ئاسان بولغان 100 تۈرلۈك يېزا ئەمەلىي تېخنىكىسىنى تاللاپ، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سىنالغۇ لېنتىسى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ماتېرىياللىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈش، يانغىن رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى، يېزا كەسپىي مەكتىپى، كەسپىي مائارىپ مەركىزىي، دېھقانلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت تېخنىكا مەكتەپلىرىنى بازا قىلىش، رادىئو - تېلېۋىزۇر قاتارلىق ھازىر بار بولغان ھەرخىل ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ يېزىلاردا، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئەمەلىي پەن - تېخنىكا تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى.1990 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە دېھقان - چارۋىچىلارنى تەربىيىلەش ئەمەلىي تېخنىكا ماتېرىياللىرىدن 1680000 پارچىنى بېسىپ تارقاتتى. 1992 - يىلى پۈتۈن رايونىمىزدا بىر مىليون دېھقان - چارۋىچىلار ھەر خىل تىپتىكى ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا قاتناشتى. 1993 - يىلى  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تارقاتقان ئۇيغۇرچە يېزىلار ئەمەلىي پەن - تېخنىكىسى ژۇرنىلى 15 مىڭ پارچىدىن ئاشتى. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا پەن - تېخنىكىنى قوبۇل قىلغان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەمگەك كۈچى 00 17120ئادەم قېتىمغا يەتتى.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  شىنجاڭ رادىئو - تېل...
●  شىنجاڭ ئىگىلىك باش...
●  شىنجاڭ ئىشچى - خىزم...
●  يېزا رادىئو - تېلېۋ...
●  يېزا قوللىنىشچان ت...
●  'شىخەنزە شەھەرلى...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تې...
●  شىنجاڭ خىمىيە سانا...
●  شىخەنزە موساۋەن كە...
●  جىڭ ناھىيىلىك كەسپ...
●  كورلا شەھەرلىك كەس...
●  مەكىت ناھىيىلىك كە...
●  فۇكاڭ شەھەرلىك كەس...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك ...
●  'غۇلجا تېببىي مەك...
●  ئىلى مال دوختۇرلۇق ...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تە...
●  تارباغاتاي ۋىلايەت...
●  'تارباغاتاي ۋىلا...
●  خوتەن يېزا ئىگىلىك ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  شىنجاڭ رادىئو - تېلېۋىزى...
●  شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش...
●  شىنجاڭ ئىشچى - خىزمەتچىل...
●  يېزا رادىئو - تېلېۋىزىيە...
●  يېزا قوللىنىشچان تېخنىك...
●  'شىخەنزە شەھەرلىك يۇي...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك تېخنىك ...
●  شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى ...
●  شىخەنزە موساۋەن كەسپىي ...
●  جىڭ ناھىيىلىك كەسپىي تې...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى