شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار مەكتىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-21 12:35:29 كۆرۈلۈش سانى : 85
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
مەكتەپ ئۈرۈمچى جەنۇبىي بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 1985 - يىلى 1 - ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان. دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئەنگە ئالغان، مۇستەقىل قۇرۇلغان مەخسۇس كۇرس بويىچە ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئاساس قىلغان، ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى چوڭلار مائارىپى ئىنستىتۇتى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي كومىتېتقا تەۋە. بۇ مەكتپەنىڭ مەمۇرىيە دەرىجىسى نازارەت دەرىجىلىك 1993 - يىلى 1 - ئايدا شىنجاڭ ئىقتىساد - سودا كومىتېتىنىڭ تەربىيىلەش مەكتىپى مۇشۇ مەكتەپ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان. 1998 - يىلى بۇ مەكتەپتە كارخانا تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغان. 1999 - يىلى شىنجاڭ ئىقتىسادىي سودا تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پائالىيەتشۇناسلىق ئىلمى جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەمئىيىتى قاتارلىقلار قۇرۇلغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 60606 كۋادرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 35000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، كۇتۇپخانا، كۆپ خىل فۇنكىسىيىلىك، كۆپ ۋاسىتىلىك سىنىپ، تىل ئۆيى، كومپيۇتېرخانا، بوغالتىرلىق تەقىلىدىي تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلار بار. مەكتەپ كارخانا باشقۇرۇش، مالىيە باج بوغالتىرلىقى، ئاممىۋى باشقۇرۇش، تاشقى ئىقتىساد، كومپيۇتېر ئۇچۇرى، ماركسىزىم - لېنىنىزم قاتارلىق ئالتە فاكۇلتېت، 17 كافېدرا، 22 كەسىپ تەسىس قىلغان. مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىدىن ئىشتىن ئايرىپ ئوقۇش، ئىشتىن سىرت، سىرتتىن ئوقۇش قاتارلىقلار بار. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى 260 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي ئوقۇتقۇچى 148 نەپەر، پروفېسسور سەككىز نەپەر، دوتسىنت 37 نەپەر، لېكتور 58 نەپەر. ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە بىر نەپەر دوكتۇر، 10 نەپەر ماگىستىر بار. مەكتەپ قۇرۇلغان 15 يىلدىن بۇيان ئالىي تېخنىكومدىن يۇقىرى ئوقۇغۇچىدىن 1500 نەپەردىن ئارتۇقنى تەربىيىلىگەن. |
|