يېزا رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتىپى
يوللانغان ۋاقتى : 2009-06-12 10:56:09 كۆرۈلۈش سانى : 69
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
يېزا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسلىنىپ، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقانلار، يېزىدىكى زىيالى ياشلارغا قارىتا كەڭ دائىرىدە ئەمەلىي تېخنىكا تەربىيىسى، مەدەنىيەت تەربىيىسى، چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇش تارىخى تەربىيىسى، يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 12 ۋىلايەت، 78 ناھىيە يېزا رادىئو - تېلېۋىزىيە مەكتەپلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا ۋە ئارتۇقچىلىقىغا ئاساسەن، يولغا قويۇش لايىھسىنى تۈزۈپ چىقىپ، مەكتەپنىڭ مەسئۇلىتى ۋە ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. يېزا ئىگىلىك رادىئو مەكتىپى 1996 - يىلدىن باشلاپ 545 قۇرۇلۇشىنى (5000 كىشىلىك يېزا رادىئو مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ تۆت يىل ۋاقىت ئىچىدە 50000 دېھقاننى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بېيىشقا يېتەكلەش) يولغا قويۇشنى ئاساس قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىشلىتىلىدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە بولغان ئەمەلىي تېخنىكا ئارقىلىق تەربىيىلەشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەربىر ئائىلىلىك ئۈچۈن بىر نەپەر (تېرىقچىلىقنى بىلىدىغان) ئادەم تەربىيىلەپ بەردى، پەن - تېخنىكىنى ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، دېھقانلارنىڭ پەن - تېخنىكامەدەنىيەت سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملىدى، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ بېيىپ ھاللىق سەۋىيىگە يۈرۈش قىلىشى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى زور ھەسسە قوشتى. |
|