ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-09-19 11:31:51 كۆرۈلۈش سانى : 77
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
قازاق تىلىدا ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنغان، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ھەم پۈتۈن كۈنلۈك ياتاقتا يېتىش تۈزۈمىدىكى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. 1950 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاشەن ئوتتۇرا مەكتىپى ئاساسىدا قۇرۇلغان (قازاق تىلىدىكى مەكتەپ). 1953 - يىلى ئۇيغۇر، روس، موڭغۇل تىلى سىنىپلىرى ئېچىلىپ، قاتناپ ئوقۇش تۈزۈمى ياتاقتا يېتىش تۈزۈمى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. پۈتۈن ۋىلايەتنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان، شۇ يىلى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىپ، مەكتەپ نامى ئالتاي ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلدىن كېيىن تولۇقسىز قىسمى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1967 - يىلى ۋىلايەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قىزىل قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1970 - يىلى 10 - ئايدا مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئالتاينىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىن قاتناپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا يۈزلەنگەن. 1971 - يىلى باشلانغۇچ تەسىس قىلىنغان. 1974 - يىلى ئالتاي ۋىلايەتلىك قىزىل قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر مىللىي ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1979 - يىلى 9 - ئايدا ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1981 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكتىلگەن ھەم خەنزۇ تىلى سىنىپى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. يەتتە ناھىيىگە يۈزلىنىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ياتاقتا يېتىش تۈزۈمى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1984 - يىلى 9 - ئايدا باشلانغۇچ مەكتەپ ئايرىلىپ چىقىپ ئالتاي 1 - باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلغان. 1986 - يىلى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ناھىيە دەرىجىلك ئورۇن قىلىپ بېكىتىلگەن. 1994 - يىلى كۆچۈپ ئەسلىدىكى ئوقۇتۇش بىناسىنى رادىئو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالتاي شۆبىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 109 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 30، ئوقۇغۇچى سانى 1271 نەپەر. ئوقۇتۇشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆلىمى 8458 كۋادرات مېتىر. |
|