بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ئوتتۇرا مەكتەپلەر >> تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ

تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-31 09:40:43    كۆرۈلۈش سانى : 71  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
تارغاباتاي ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1939 - يىلى 9 - ئايدا قۇرۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىۋاستە باشقۇرغان ھەم شىنجاڭ ئۆلكىلىك چۆچەك ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ نام بېرىلگەن. (يەنى چۆچەك گىمنازىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ). 20 - ئەسىرنىڭ 30 - 40 - يىللىرىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تاشكەنت، ئالمائاتا قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزبېك، تاتار، قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ قاتارلىق مىللەتنىڭ زىيالىلىرى چۆچەك ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوقۇتۇش كىتابلىرى بولۇپ، بەش يىللىق تۈزۈم قوللانغان. مەكتەپتە سىنىپ ئۆرلەش، سىنىپ قالدۇرۇش تۈزۈملىرى ئورنىتىلغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش، دىپلوم ئېلىش رەسمىيىتى ئىنتايىن قاتتىق. مەكتەپ قۇرۇلۇپ 1 - يىلى قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ ۋە رۇس، تاتار سىنىپى تەسىس قىلىنغان. ئوقۇتۇش مەزمونىدا ئادەتتىكى دەرسلىكلىرىدىن باشقا يەنە رۇس تىلى، ئىنگلىز تىلى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مائارىپ ئىلمىي، دىنىي بىلىم قاتارلىق دەرسلىكەر بار ئىدى. 1950 - يىلنىڭ ئاخىرىدا دىنىي بىلىم دەرسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەنزۇ تىلى ئېچىلغان. 1952 - يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك چۆچەك ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1972 - يىلى چۆچەك ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلدى. 1945 - يىلدىن 1966 - يىلغىچە بۇ مەكتەپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولدى. 1939 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپ بولدى. 1966 - يىلدىن 1982 - يىلغىچە قازاق، ئۇيغۇر، خەنزۇ تىلىدا دەرس بېرىلدى. 1982 - يىلدىن ھازىرغا قەدەر قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ مەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپلارنى تەسىس قىلغاندىن سىرت، يەنە ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە پېداگوگىكا سىنىپى، بوغالتىرلىق سىنىپى، مال دوختۇرلۇق سىنىپى، سىستېرالىق سىنىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سىنىپى قاتارلىق ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا سىنىپى تەسىس قىلغان. بۇ مەكتەپ ئەڭ دەسلەپتە ئوغۇللار مەكتىپى ئىدى. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن باشلاپ قىز - ئوغۇللار ئارىلش مەكتەپكە ئايلانغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 34000 كۋادرات مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 4106 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ شتاتى 194. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى، 174 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1450 نەپەر.


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  خوتەن ۋىلايەتلىك 1 -...
●  خوتەن ۋىلايەتلىك 2 -...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 1...
●  تارغاباتاي شەھەرلى...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك 1 - ...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 2...
●  تارغاباتاي ۋىلايەت...
●  يەكەن ناھىيىلىك 1 - ...
●  قەشقەر شەھەرلىك 2 - ...
●  قەشقەر ۋىلايەتلىك ...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 -...
●  قۇمۇل شەھەرلىك 4 - ئ...
●  كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - ...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2 -...
●  گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1 - ...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 -...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1 -...
●  قاراماي شەھەرلىك 1 -...
●  مىچۈەن خۇيزۇ ئوتتۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتت...
●  خوتەن ۋىلايەتلىك 2 - ئوتت...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 - ئوت...
●  تارغاباتاي شەھەرلىك 3 - ئ...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇ...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 2 - تۇل...
●  تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2 ...
●  يەكەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇ...
●  قەشقەر شەھەرلىك 2 - ئوتتۇ...
●  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى