قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-05-29 11:43:13 كۆرۈلۈش سانى : 19
قۇمۇل تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1945 - يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا قۇرۇلغان. 1948 - يىلى قومۇل تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى تارقىتىۋېتىلىپ، قۇمۇل مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى قۇرۇلغان. 1949 - يىلى قۇمۇل تولۇقسىز پېداگوگىكا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1955 - يىلى ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1958 - يىلى 9 - ئايدا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ مۇكەممەل تۈزۈمدىكى مىللىي مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان. 1962 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگەن. ئوقۇتۇشقا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئونىڭدىن باشقا ھەر بىر يىللىقتا قوش تىللىق تەجرىبە سىنىپى بار. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 43355 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 14487 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 566100 كۋادرات مېتىرلىق دېھقانچىلىق مەيدانى بار. مەكتەپ شتاتى 186. 1996 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 140 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1469 نەپەر. |
|