ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-08-18 10:10:16 كۆرۈلۈش سانى : 22
ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ. 1959 - يىلى قۇرۇلغان، ئەسلى نامى ئاقسۇ ناھىيىلىك خۇيزۇ ئوتتۇرا مەكتىپى، 1960 - يىلى ئاقسۇ ناھىيىلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرىنىڭ خەنزۇ تىلى بۆلۈمى بىلەن بىرلىشىپ، رەسمىي ھالدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا تەۋە، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40000 كۋادرات مېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغىنى 19597 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپتىكى شتاتى 114. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى 119 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 2300 نەپەر |
|