بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> ئوتتۇرا مەكتەپلەر >> ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-15 13:11:23    كۆرۈلۈش سانى : 41  
كىچىك | نورمال | چوڭ             
1944 - يىلى 4 - ئايدا ئاقسۇ شەھەر جەنۇبىي چوڭ كوچا شەرقى تەرەپ 26 - نومۇرلۇق قورۇدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ سانائەت مەكتىپى، ئەينى ۋاقىتتا ئىككى يىللىق ئوقۇتۇش تۈزۈمى قوللىنىلغان. 1956 - يىلى 10 - ئايدا مەكتەپنى ھۆكۈمەت بىۋاستە باشقۇرۇپ، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئاقسۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۈچ يىللىق ئوقۇش تۈزۈمىنى قوللانغان. 1952 - يىلدىن باشلاپ قىز ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. 1954 - يىلى مائارىپ نازارىتى بىر تۇتاش بېسىپ تارقاتقان مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ئوقۇتۇش پروگراممىسى نى قوللانغان. 1956 - يىلى 9 - ئايدا تۇنجى قېتىم تولۇق ئوتتۇرىنى تەسىس قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1966 - يىلى باشلانغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەكتەپنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان. 1972 - يىلى مەكتەپ نامى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مىللىي خەنزۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1980 - يىلى 9 - ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ دەپ بېكىتىلگەن. 1983 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، ئورمانچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تەجرىبە ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. 1987 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتى تەرىپىدىن خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىدىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. 1992 - يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن مىللىي مائارىپتىكى ئىلغار ئورۇن، 1993 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن باشقۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن دەپ باھالانغان. مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 25148 كۋادرات مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا 266400 كۋادرات مېتىرلىق باغۋەنچىلىك مەيدانى بار. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 96 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 42، ئوقۇغۇچى سانى 2418 نەپەر.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  خوتەن ۋىلايەتلىك 1 -...
●  خوتەن ۋىلايەتلىك 2 -...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 1...
●  تارغاباتاي شەھەرلى...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك 1 - ...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 2...
●  تارغاباتاي ۋىلايەت...
●  يەكەن ناھىيىلىك 1 - ...
●  قەشقەر شەھەرلىك 2 - ...
●  قەشقەر ۋىلايەتلىك ...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 2 -...
●  قۇمۇل شەھەرلىك 4 - ئ...
●  كۈيتۈن شەھەرلىك 1 - ...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2 -...
●  گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1 - ...
●  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 -...
●  سانجى خۇيزۇ ئاپتون...
●  قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1 -...
●  قاراماي شەھەرلىك 1 -...
●  مىچۈەن خۇيزۇ ئوتتۇ...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - ئوتت...
●  خوتەن ۋىلايەتلىك 2 - ئوتت...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 1 - ئوت...
●  تارغاباتاي شەھەرلىك 3 - ئ...
●  ئىلى ۋىلايەتلىك 1 - ئوتتۇ...
●  ئالتاي ۋىلايەتلىك 2 - تۇل...
●  تارغاباتاي ۋىلايەتلىك 2 ...
●  يەكەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇ...
●  قەشقەر شەھەرلىك 2 - ئوتتۇ...
●  قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇ...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى