گۇچۇڭ ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-06-22 13:34:11 كۆرۈلۈش سانى : 16
1951 - يىلى سانجى ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شەھەر رايونىدا قۇرۇلغان. ئەسلى نامى گۇچۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ ھەم ئوبلاستتىكى تۇنجى مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ. مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەززگىلدە شۇ كاڭ ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1971 - يىلى ھازىرقى نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1956 - يىلدىن باشلاپ بىرىنچى تۈركۈم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلغان. 1974 - يىلى مىللىي، ىەنزۇ ئايرىم مەكتەپ قۇرۇپ، خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مۇكەممەل ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان. 1981 - يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 88709 كۋادرات مېتىر. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 200 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 40. ئوقۇغۇچى سانى 2800 نەپەر.' |
|