چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-30 10:40:20 كۆرۈلۈش سانى : 132
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
شىبە ئۆسمۈرلىرى مەركەزلەشكەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشىنىڭ 7 - يىلى (مىلادى 1882 - يىلى) قۇرۇلغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بىر قانچە قېتىم كۆچۈپ، 1982 - يىلى ئەسلىدىكى ناھىيىلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ شىبە، خەنزۇ مەكتەپلىرىگە ئايرىلىپ، ھازىرقى ئىسمى قوللىنىلغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 30000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 1991 كۋادرارت مېتىر. باغچا شەكلىدە قۇرۇلغان مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاھاڭغا قاراپ خەت تونۇش، بالدۇر ئوقۇپ يېزىش، ھازىرقى زامان باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكىسى، نىشانلىق ئوقۇتۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ بارغان. سەمىمىي، تىرىشچان، ئىتتىپاق، يۇقىرىغا ئۆرلەيدىغان بولۇش تەك مەكتەپ ئىستىلى تىكلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. 1987 - يىلى مەملىكەتلىك ئاۋانگارت ئۆسمۈرلەر ئەترىتى خىزمەت گۇرۇپپىسى كومىتېتى تەرىپىدىن قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. 1999 - يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 41 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 12، ئوقۇغۇچى سانى 551 نەپەر. |
|