ئۈرۈمچى شەھەرلىك 47 - باشلانغۇچ مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 14:01:46 كۆرۈلۈش سانى : 18
1965 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر سىرتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى لېتىلىق تۇز زاۋۇتىنىڭ ئائىلىلىكلەر قۇرۇسى ئىچىدە قۇرۇلغان. مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ. 1981 - يىلى ساڭفاڭگۇ يولى 69 - نومۇرغا كۆچكەن. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10189 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 2564 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى سانى 49 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 21، ئوقۇغۇچى سانى 732 نەپەر. |
|