چۆچەك شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ'
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-28 17:00:01 كۆرۈلۈش سانى : 95
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
ئەسلى نامى چۆچەك شەھەرلىك خەلق باشلانغۇچ مەكتىپى، 1905 - يىلى قۇرۇلغان. چۆچەك شەھەر مەركىزىي كوچىسى نىياڭنياڭ بۇتخانىسىدا تەسىس قىلىنغان مەكتەپ، 1917 - يىلى خەلق باشلانغۇچ مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ۋاقىتتا چۆچەكتە پەقەت مۇشۇ بىرلا خەلق باشلانغۇچ مەكتىپى بار ئىدى. 1922 - يىلى رايون قارمىقىدىكى 1 - مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1935 - يىلى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ تولۇق، تولۇقسىز، باشلانغۇچ سىنىپلىرى تولۇق بولغان، بىر ئادەتتىكى باشلانغۇچ پېداگوگىكا سىنىپى بولغان 12 سىنىپى بار ھالەتكە يېتىپ، چۆچەكتىكى بىردىنبىر كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغان خەنزۇ مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1955 - يىلى مەكتەپ بۆلۈنگەن. بۆلۈنۈپ چىققىنى ھازىرقى شەھەرلىك 1 - مەكتەپ، ئەسلىدىكى مەكتەپ ئىسمى 2 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىۋاتىدۇ. 1999 - يىلى بالىلار باغچىسى قۇرۇلۇپ، چۆچەك شەھەردىكى تۇنجى بالىلار باغچىسى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن مەكتەپ بولۇپ قالغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5500 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 3300 كۋادرات مېتىر. ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايون بويىچە تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن، مەملىكەتلىك قىزىل بايراق چوڭ ئەترىتى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن. 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 72 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1400 نەپەر.
|
|