قەشقەر شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-19 13:19:51 كۆرۈلۈش سانى : 170
كىچىك |
نورمال |
چوڭ |
|
$a=array("#FF0000","#0000FF","#FF00FF","#006600","#660033");
for($i=0;$i ');
}
//echo($html);
?> |
1954 - يىلى 8 - ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مەدەنىي - مائارىپ، سەھىيە باشقارمىسى شىنجاڭغا كەلگەن خەنزۇ كادىرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي شىنجاڭ كادىرلار پەرزەنتلىرى مەكتىپى دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇغۇچىلار قەشقەر، قىزىلسۇ ئوبلاستى ۋە خوتەندىن كېلىدىغان بولۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ياتقان. پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدىكى تەربىيىلەش، پەرۋىش قىلىش، باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان. 1966 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ، پەرۋىش قىلىش تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. 1972 - يىلدىن 1978 - يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 10 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، 1973 - يىلى 8 - ئايدا قەشقەر شەھەرلىك 8 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەنزۇ سىنىپى قوشۇۋېتىلگەن. 1979 - يىلى 10 - ئايدا مەكتەپ قەشقەر شەھەرلىك مەمۇرى مەھكىمە مائارىپ باشقارمىسى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىپ، قەشقەر 10 - باشلانغۇچ مەكتىپى دەپ ئاتالغان. 1980 - يىلى 8 - ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ قۇرۇلۇش شىركىتى پەرزەنتلەر مەكتىپى بۇ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. شۇ يىلى ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ بېكىتىلگەن. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ھازىرقى زامان مائارىپ تېخنىكىسى تەجرىبە مەكتىپى قىلىپ بېكىتىلگەن. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 40000 كۋدرات مېتىر، ئوقۇتۇش رايونى كۆلىمى 8645 كۋدرات مېتىر، ئوقۇتۇش خەنزۇ تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ كومىتېتىغا بىۋاستە قارايدۇ. 1999 - يىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىسى سانى 103 نەپەر، ئوقۇتۇش سىنىپى 38 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 2195 نەپەر. |
|