ئۈرۈمچى شەھەرلىك قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتەپ
يوللانغان ۋاقتى : 2008-01-19 14:02:33 كۆرۈلۈش سانى : 22
1996 - يىلى سايباغ رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاقما نوپۇس پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يامالىق تېغىنىڭ توڭلىتىش ئىسكىلاتى مەھەلىلىسىدە قۇرغان. مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 173000 كۋدرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى 1674 كۋادرات مېتىر. مەكتەپ رايونى ئاتلاش پۇلى ئالمايدۇ، قېيىنچىلىقى بار بالىلارنى ھەقسىز ئوقۇتىدۇ. 1999 - يىلىدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 52 نەپەر. ئوقۇتۇش سىنىپى 21، ئوقۇغۇچى سانى 840 نەپەر. |
|