بىلقۇت تورغا كەلگىنڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!
     
ئورنىڭىز : مائارپ >> باشلانغۇچ مەكتەپلەر >> خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ

يوللانغان ۋاقتى : 2008-04-23 10:00:15    كۆرۈلۈش سانى : 135  
كىچىك | نورمال | چوڭ     '); } //echo($html); ?>
بۇرۇن 1 - خەلق مەكتىپى، ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، قىزىل قوغدىغۇچى ئەسكەرلەر مەكتىپى دېگەن ناملارنى ئىشلەتكەن. 1883 - يىلى قۇرۇلغان، شۇ چاغدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت مەكتىپى ئىدى. ئۇيغۇر، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇتۇش مەزمونىدا كوڭزى، مىڭزى تەلىماتى ئاساس قىلىنغان. 1914 - يىلى خوتەندە تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن تاقالغان. 1918 - يىلى ئوقۇتۇش ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، ئورنى خوتەن گارنىزۇنىدا ئىدى. 1934 - يىلى ماخۇسەن خوتەننى بېسىۋالغاندا مەكتەپ ھازىرقى خوتەن ناھىيىلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن. 1938 - يىلى خەنزۇ مەكتەپ قىلىنىپ، 1 - خەلق مەكتىپى دەپ ئاتالغان. مەكتەپ ئادرېسى ھازىرقى خوتەن 1 - باشلانغۇچنىڭ ئورنىدا بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان مەكتەپ بولۇپ قالغان. 1948 - يىلى مەكتەپ تەرەققىي قىلىپ تۆت سىنىپ، 110 ئوقۇغۇچى ( بىرىنچى يىللىقتىن بەشىنچى يىللىققىچە) غا يېتىپ، ئانا تىل (خەنزۇ تىلى)، ماتېماتىكا، تەبىئەت، جۇغراپىيە، جۇڭگو تارىخىي، گۈزەل - سەنئەت (رەسىم، ناخشا ئېيتىش، تەنتەربىيە) دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلغان. 1950 - يىلى 6 - ئايدا 1 - خەلق مەكتىپى خوتەن ناھىيە قارمىقىدىكى 3 - باشلانغۇچ قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈلگەن. 1960 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپ شۆبە باشلانغۇچ مەكتىپى، كېيىن يەنە خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە بىۋاستە قاراشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1966 - يىلى خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قىزىل قوغدىغۇچىلار مەكتىپى، 1978 - يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 1 - باشلانغۇچ، 1984 - يىلى خوتەن شەھىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 1990 - يىلى 5 - ئايدا ياپونىيىنىڭ مەبلىغى بىلەن يېڭىدىن قۇرۇلغان خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش رايونى پۈتۈنلەي پۈتكەن. شەھەرلىك پاراۋانلىق ئورنى، شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ، شەھەرلىك 2 - باشلانغۇچ قوشۇلۇپ، بالىلار تەربىيە مەركىزىي بولغان. مەكتەپنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 24766 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كۆلىمى 7385 كۋادرات مېتىر، مەكتەپ شتاتى 77، 1999 - يىلدىكى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 82 نەپەر، ئوقۇغۇچى سانى 1800 نەپەر.'


 

ئەڭ يېڭى مەزمۇن

يەنەبار

●  چاپچال شىبە ئاپتون...
●  چۆچەك شەھەرلىك 2 - ب...
●  خوتەن شەھەرلىك 1 - ب...
●  قەشقەر شەھەرلىك 10 - ...
●  ئاقسۇ شەھەرلىك 1 - ب...
●  تاشقورغان ناھىيىلى...
●  مەكىت ناھىيىلىك 1 - ...
●  بۆرتالا شەھەرلىك 1 -...
●  شىخەنزە شەھەرلىك 1 -...
●  قىزىلسۇ قىرغىز ئوب...
●  چاپچال شىبە ئاپتون...
●  قاراماي شەھەرلىك 8 -...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ق...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 56 ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 47 ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 42 ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26 ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22 ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلك 10 - ...
●  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 6 -...

تەۋسىيە ئەسەر

يەنە بار

●  چاپچال شىبە ئاپتونوم نا...
●  چۆچەك شەھەرلىك 2 - باشلان...
●  خوتەن شەھەرلىك 1 - باشلان...
●  قەشقەر شەھەرلىك 10 - باشل...
●  ئاقسۇ شەھەرلىك 1 - باشلان...
●  تاشقورغان ناھىيىلىك يات...
●  مەكىت ناھىيىلىك 1 - باشلا...
●  بۆرتالا شەھەرلىك 1 - باشل...
●  شىخەنزە شەھەرلىك 1 - باشل...
●  قىزىلسۇ قىرغىز ئوبلاستل...

ھەمكارلىشىڭ بېكەت ھەققىدە ئېلان بېرىڭ مۇلازىمتىمىز شىركەت ھەققىدە پىكىر بېرىڭ ئالاقىلىشىش
بىلقۇت ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى
ئادىرسى : ئۈرۈمچى غالىبيەت يولى 183- نومۇر ، تېلېفون : 09912555222
شىنجاڭ << بىلقۇت >> ئېلېكتىرون پەن -تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تور ئىشخانسى ئىشلىدى
© 2007-2008 Bilqut Uyghur Website 新ICP备10002904
مۇلازىمېتىر تەمىنلىگەن ئورۇن كۆك ئاسمان تور مۇلازىمىتى چەكلىك شېركىتى