زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش
يوللانغان ۋاقتى : 2009-02-23 12:42:02 كۆرۈلۈش سانى : 38
زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارنى يوقىتىشتا دائىم دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشلىتىلسە، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ دورىغا بولغان قارشىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخىرىدا دورىنىڭ ئۈنۈمى بولماي قېلىشى، شۇنداقلا مۇھىتنى بۇلغىشى مۇمكىن. گېنېتىكا ئالىملىرى ئىرسىيەت پرىنسىپىغا ئاساسەن، زىيانداش ھاشاراتلارنى تۇغماس قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەلتۆكۈس يوقىتىشنى تەتقىق قىلماقتا.
رادىئاتسىيە ئارقىلىق تۇغماس قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل ئۇسۇلدا، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇملىرى ياكى قورچاقلىرىغا ھەر خىل نۇر (مەسىلەن، X نۇر، ئۇلترا بىنەپشە نۇر) چۈشۈرۈلسە، كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدىكى خروموسوم ياكى گېنلىرى ئۆزگىرىپ، تۇخۇمدىن چىققان ئەركەك ھاشاراتلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى بولمايدۇ (ئەركىكى تۇغماس بولىدۇ)، چىشى ھاشاراتلار تۇخۇم تۇغمايدۇ (چىشىسى تۇغماس بولىدۇ)، لېكىن بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ چېتىشىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
تۇغۇش ئىقتىدارى بولمىغان بۇ خىل ئەركەك ۋە چىشى ھاشاراتلار تەجرىبىخانىلاردا كۆپلەپ يېتىلدۈرۈلگەندىن كېيىن، زىيانداش ھاشاراتلار بار رايونلارغا قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تۇغماس چىشى ھاشاراتلار دالىلاردىكى نورمال ئەركەك ھاشاراتلار بىلەن چېتىشقاندىن كېيىن تۇخۇم تۇغمايدىغان ياكى بۇ خىل تۇغماس ئەركەك ھاشاراتلار دالىلاردىكى نورمال چىشى ھاشاراتلار بىلەن چېتىشقاندىن كېيىن ھاشارات چىقمايدىغان تۇخۇم تۇغىدىغان بولغاچقا، ھاشاراتلار زىيىنىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى، ھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل يېپىشقاق قۇرت، قارىغاي تۈكلۈك قۇرتى قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇلارنى يوقىتىشتا قوللىنىلىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
|
|